خىتاي دائىرىلىرى ئۇچتۇرپاننىڭ يامانسۇدىكى يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلماقتا

23-يانۋار ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشكە 6-7 كۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىن يەر تەۋرەشنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا دائىر تەپسىلاتلار يەنىلا قاتتىق كونترول قىلىنماقتا.

ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەشنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۆلىمى ۋە زىيان زەخمەتكە ئائىت ئۇچۇرلار ئىنتايىن چەكلىك بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىپ بىر تەرەپ قىلىنغان 6 تىپىك دېلونى ئېلان قىلىپ، توردا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇر تارقاتقانلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇر رايوندىكى تاراتقۇلىرىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەر تەۋرەش رايونىدا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، خەلقلەرنىڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقى، پۇقرالارنىڭ خاتىرجەملىككە ئېرىشىپ، تۇرمۇشىنىڭ نورماللاشقانلىقىغا خەۋەرلەر كەڭ تارقىتىلسىمۇ، ئەمما يەر تەۋرەشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى، ئۇچرىغان زىيان، ئۆلۈم-يىتىم، يەر تەۋرەش رايونىدىكى خەلقنىڭ ياردەمگە بولغان ئېھتىياجىغا دائىر ئۇچۇرلارنىڭ كونترول قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

دائىرىلەرنىڭ 28-يانۋار توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا دائىر 6 تىپىك دېلونى ئېلان قىلىشىمۇ، رايوندا يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەركىزى يامانسۇ يېزىسىدىكى 7.1 بال يەر تەۋرەشتە 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى، 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، ئەمىلى ئەھۋالنىڭ بۇنىڭدىن ئېغىرلىقى، يامانسۇ يېزىسىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«شىنجاڭ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 28-يانۋار ئېلان قىلغان توردا «ئۆسەك سۆز» تارقىتىشقا ئالاقىدار 6 تىپىك دېلونىڭ ئاز دېگەن ئۈچى يەر تەۋرەشكە ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقانىكەن. خەۋەردە، ئاقسۇ، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن بولغان بۇ كىشىلەرنىڭ «ئۆسەك سۆز تارقىتىپ، جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى» قەيت قىلىنماقتا. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كىشىلەردىن ئاقسۇدا ئولتۇرۇشلۇق بىرى توردا «ئۇچتۇرپاندىكى يەر تەۋرەش سەۋەبلىك ئۆيلەرگە دەز كەتتى»، دەپ ئۇچۇر تارقاتقانلىقى، يەنە بىرى «بۇ كېچە 6 بالدىن قاتتىق يەر تەۋرىشى مۇمكىن» دېگەنلىكى ئۈچۈن مەمۇرى جازا ياكى تەربىيە بېرىش جازاسىغا تارتىلغان.