خىتاينىڭ شىنخۇا تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-فېۋرال كۈنى، شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 42 مىنۇت (بېيجىڭ ۋاقتى 7دىن 42 مىنۇت) ئۆتكەندە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا شەھىرى (شىمالىي كەڭلىك 41.23 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.74 گىرادۇس)دە 5.0 بال يەر تەۋرىگەن. خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە تەۋرەش مەنبەسىنىڭ يەر يۈزىدىن 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش مەركىزىگە 10 كىلومېتىر يىراقلىققىچە بولغان جايلاردا يېزا-بازارلارنىڭ يوقلۇقىنى، كۇچا ئەتراپتىكى بىر قانچە قوشنا ناھىيە ياكى شەھەردە يەر تەۋرەشنىڭ ھېس قىلىنغانلىقىنى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش خادىملىرىنىڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى ناھايىتى قىسقا قىلىپ تارقاتقان خەۋەرلىرىدە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە دائىر باشقا تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىغان ۋە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
كۇچا شەھىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر تەۋرەش سەزگۈر رايونلىرىدىن بىرى بولۇپ، 2024-يىلى 4-ئاي، 5-ئاي ۋە 8-ئايلاردىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4.2 بال، 5.5 بال 3.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىمۇ يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالى خەۋەر قىلىنمىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يەر تەۋرەشكە دائىر ئۇچۇرلارنى قامال قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئاپەت يۈز بەرگەن كۈنلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يەر تەۋرەشكە ئائىت «ساختا ئۇچۇر» ياكى «ئۆسەك سۆز» تارقاتقانلارنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم بولغان.