خىتاي دائىرىلىرىنىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشكە دائىر خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشى دىققەت قوزغىدى

23-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باي ناھىيەسىدە 5 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر يەر تەۋرەشنىڭ ئادەمسىز رايوندا يۈز بەرگەنلىكى، تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن يېزا-كەنتلەردە ھېچقانداق ئۆلۈم-يىتىم، ئۆي ئۆرۈلۈش، مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن يەر تەۋرەشنىڭ كونكرېت ئورنىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن خىتاي ۋە دۇنيانى قاپلاپ، نۇرغۇن جايلار كارانتىنغا ئېلىنغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقۇمنىڭ توختىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئۇيغۇر «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى› نى كەڭ-كۆلەملىك زاۋۇت-كارخانىلاردا ئىشلەشكە مەجبۇرىي تەشكىللەۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بايدىكى يەر تەۋرەشكە دائىر خەۋەرلەرنى كونترول قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا. يەر تەۋرەشكە دائىر خەۋەر 23-مارت كۈنى خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلىرى» دە ناھايىتى چەكلىك تىلغا ئېلىندى، لېكىن قالغان خىتاي تاراتقۇلىرىدا بەك خەۋەر قىلىنمىدى.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى شىمالىي مېردىيان 41.75 گرادۇس، شەرقىي پاراللېل 81.11 گرادۇس بولۇپ، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 10 مېتىر ئىكەن.