ئىراندىكى 7.8 بال يەر تەۋرەش پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر قىلدى
2013.04.16
رويتېرس قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ۋاقتى 15-ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىدىكى پاكىستانغا يېقىن چېگراسىدىكى كاش شەھىرىدە 7.8 بال يەر تەۋرىگەن.
ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 40 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، زىيانغا ئۇچرىغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ سانى ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ يۈزدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش پاكىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،ئىران چېگراسى يېنىدىكى پاكىستان دوختۇرخانىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلەردىن 5 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، قالغان 25 نەپەر يارىدارنىڭ قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.