قىزىلسۇنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىدە 6.5 بال يەر تەۋرىدى

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەىسىدە جۈمە كۈنى كەچتە قاتتىق يەر تەۋرىدى. خىتاي گېئولوگىيە تەكشۈرۈش دائىرىلىرى تەۋرەش كۈچىنى 7.6 بال دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، تەۋرەش كۈچى 5.6 بال بولۇشى مۇمكىن.

يەر تەۋرەش قەشقەرگە تەسىر قىلغان. ئاقتۇ قەشقەرنىڭ تەخمىنەن 170 كىلومېتىر غەربىگە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا گېئولوگىيە تەكشۈرۈش ئورنىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى تاجىكىستان چېگراسىغا يېقىن جايدا ئىكەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 12 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ بەك چوڭقۇر ھېسابلانمايدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى قانچە تېيىز بولسا، ئۇنىڭ ئاھالىلەر رايونىغا ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىق كۈچى شۇنچىلىك چوڭ بولىدىكەن. لېكىن جۈمە كۈنكى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم -يېتىم ۋە بۇزغۇنچىلىق توغرىلىق ھازىرغا قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات يوق.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقتۇنىڭ مۇجى يېزىسى يەر تەۋرەش مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر يېزىنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، 4مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار، قىرغىزلار ئولتۇرۇشلۇق يېزا ئىكەن. قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ 2014‏-يىلى ئېلان قىلغان سانلىق ستاتىستىكىسىدا، بۇ يېزىدىكى ئات، قوي، كالا، قوتاز، تۆگە قاتارلىق ھەرخىل چوڭ-كىچىك باش چارۋا مال 70 مىڭ دەپ ئېلان قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش مەركىزى تېيىز، بۇزغۇنچىلىق كۈچى قاتتىق بولۇش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 3‏-دەرىجىلىك ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئىشقا سالغان.