چاقىلىق ۋە قاغىلىق ناھىيىلىرىدە يەر تەۋرىگەن

14-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چاقىلىق ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىدە يەر تەۋرىگەن. تەڭرىتاغ تورىدىكى خەۋەردىن قارىغاندا، چاقىلىقتىكى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش دەرىجىسى 5 بال ئىكەن. يەنە شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسىدىمۇ 3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىر بولغان.

تەڭرىتاغ تورىدىكى خەۋەردە يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان زىيان ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. ئەمما خىتايچە «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى» دا، چاقىلىق ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەشتە 160 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، 30 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ، 100 گە يېقىن ئۆينىڭ زەخىملەنگەنلىكى، ئومۇمىي ئىقتىسادىي چىقىمنىڭ 2 مىليون سومغا يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ۋەھالەنكى، خەۋەردە ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى بولۇپ-بولمىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان

7‏-ۋە 8- دېكابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقتۇ ۋە قۇتۇبى ناھىيىلىرىدىمۇ 3 بال ۋە 9.6 بال يەر تەۋرىگەن ئىدى.