جۇڭگو يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن، يەنى 20-دېكابىردىكى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9 دىن ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. تەۋرەش دەرىجىسى 3.9 بال، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىر ئەتراپىدا بولغان.
بۈگۈن، يەنى 21-دېكابىردىكى يەر تەۋرەش شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11:00 دە يۈز بەرگەن. تەۋرەش دەرىجىسى 3 بال، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 9 مىڭ مېتىر ئەتراپىدا بولغان.
گۇمىدىكى ئىككى قېتىملىق يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ياكى يارىدار بولغان كىشىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى شۇنداقلا قانچىلىك ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.
بۇ يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى گۇما ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن 6.5 بال قاتتىق يەر تەۋرەشتە، 4 كىشى ئۆلۈپ، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.