كوممۇنىست خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر 11 نەپەر چەتئەللىك شەخس ئۈچۈن تيەنئەنمېندىكى بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم

خىتاي كومپارتىيەسى 1949-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان جەمئىي 11 نەپەر چەتئەللىك دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك تيەنئەنمېندىكى دۆلەت بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم.

بۇ 11 نەپەر دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، موڭغولىيە، چېخىسلوۋاكىيە، رۇمىنىيە، يۇگوسلاۋىيە، شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سابىق كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئىكەن.

نۇر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ تيەنئەنمېندىكى بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرگەن چەتئەللىك شەخس-يوسېف ستالىن ئىكەن. ستالىن 1953-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرگەن ئىكەن.

شۇ يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چېخسلوۋاكىيەنىڭ ئالىي رەھبىرى گوتتىۋالد ۋە موڭغولىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بومىتسېند قاتارلىق ئىككى شەخسنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايرىقىنى بىر كۈندىن يېرىم چۈشۈرگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە سابىق رۇمىنىيە سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى گرۇزا، سابىق بۇلغارىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى دامىيانوف، سابىق كونگو جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى لومۇمبا، سابىق ۋېيتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى خۇچىمىن، فرانسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى دېگول، سابىق يۇگۇسلاۋىيە فېراتسىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى تىتو، شىمالىي كورىيە ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبىرى كىم ئېرسېن ۋە كامبوجىيا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاسى سىخانۇك قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ تەزىيە بىلدۈرگەن ئىكەن.