ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى ئوغرىلىق قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىر قاتار چارىلارنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك (chip) ساھەسىدىكى جازا تەدبىرلىرى بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ كەلمەكتە.
مەزكۇر ئۆزەكلەرنىڭ ھەربىي، سانائەت ۋە سودا ساھەلىرىدىكى ھەل قىلغۇچ رولى تۈپەيلىدىن يېقىنقى مەزگىللەردە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا ئىجرا قىلىۋاتقان يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ساھەسىدىكى جازا تەدبىرلىرىنى ھازىرقى كۆلەمدىن تېخىمۇ كەڭ ساھەگە راۋاجلاندۇرۇشى لازىملىقىنى، شۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولىدىغان پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىغان.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى پەن-تېخنىكا رىقابىتىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزەك ئىشلەپچقىرىش ئىقتىدارىنى چەكلىيەلمىسە، ئۇ ھالدا خىتاي يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سودا ۋە ئىستراتېگىيە ساھەسىگە زور ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىشى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەس ئىكەن.
ئۆزەكلەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئادەتتە نانومېتىر (nanometer) بىرلىكى بويىچە ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، كىچىكرەك ئۆزەكلەرنىڭ ئىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ. بولۇپمۇ 16 نانومېتىردىن كىچىك بولغان ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئەڭ قىيىن بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلەر ياپونىيە ۋە گوللاندىيەگە مەركەزلىك توپلانغان.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2022-يىلى ئۆكتەبىردە «ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە ئىنژېنېرلىرى خىتاينىڭ 16 نانومېتىر ياكى ئۇنىڭدىن كىچىكرەك ھەجىمدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەملىشىشىگە بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىنى ئېلان قىلغان. ياپونىيە ۋە گوللاندىيەدىكى ئۆزەك ياسىغۇچى شىركەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بەلگىلىمىلەرنى قوبۇل قىلغان. ئەمما بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينى ساندان مەركەزلىرى، ئەقلىي تېلېفونلار، تەقلىدىي ئەقىل قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلەيدىغان يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئۆزەكلەرنى ياسىيالماس قىلىشنى كۆزلەۋاتقاندا بۇ تەدبىرلەرنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقى بارغانسېرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ 16 نانومېتىردىن 40 نانومېتىرغىچە بولغان ئوتتۇرا ھەجىمدىكى ئۆزەكلەر ئادەتتە ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى كۈندىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاپتوموبىل، يان كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ئاچقۇچلۇق قىسمى بولۇپ، ھازىرقى جازا تەدبىرلىرى خىتاينى بۇ خىل ھەجىمدىكى ئۆزەكلەرنى ياساشتا يېتەكچى ئورۇنغا چىقىۋېلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. خىتاي بولسا نۆۋەتتە دەل مۇشۇ خىل ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى بايراقدار شىركىتى بولغان «خەلقئارا يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى» (SMIC) ھازى 28 نانومېتىرلىق ئۆزەك ياساش زاۋۇتلىرىنى شاڭخەي، بېيجىڭ، تيەنجىن، شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەرگە كېڭەيتىپ بولغان.
ئاپتورلار مۇشۇ خىل رېئاللىقنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك ئۆزەك ساھەسىدىكى جازا تەدبىرلىرىنى تېزدىن كېڭەيتىشى لازىم، دېگەن خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىچە، شۇنداق بولغاندىلا خىتاينى ئۆزەك ساھەسىدە داۋاملىق ھالدا تەيۋەنگە بېقىندى بولۇش ۋەزىيىتىدىن قۇتۇلالماس قىلىپ قويۇشقا بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، خىتايغا ئۇلارنىڭ ئەمىلىيەتتە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا شىلتىڭ ئاتقۇدەك قۇدرىتىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويغىلى بولىدۇ.