ئامېرىكا بىلەن گوللاندىيە خىتاينى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكاسىدىن چەكلەشتە ئۆزئارا كېلىشىشى مۇمكىن
2023.01.26
بايدىن ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل 10-ئايدىن باشلاپ خىتايغا كومپۇتېر ئۆزىكى ياساشتا قوللىنىلىدىغان بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكىسپورت قىلىنىشىنى چەكلىگەن. شۇنداقلا خىتاينىڭ تېخنىكا ۋە ھەربىي تەرەققىياتىنى ئاستىلىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇ تىرىشچانلىقىغا يەنە ئاساسلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تېخنىكاسىغا ئىگە دۆلەتلەردىن ياپونىيە ۋە گوللاندىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىگە ئاساسەن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ۋە گوللاندىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى، 27-يانۋار جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندا مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرىگە ئولتۇرىدىكەن. ئەگەر ئىككى تەرەپ بىرلىككە كېلەلىسە، جۈمە كۈنىلا بىر كېلىشىم ھاسىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشتا ئىنتايىن مۇھىم بولغان لىتوگرافىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ASML Holding شىركىتى گوللاندىيەدە بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا بىلەن تەمىنلەشنى ئاستىلىشتا زور رول ئوينايدىكەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا يېقىندا ئامېرىكادا زىيارەتتە بولغاندىمۇ خىتايغا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېكىسپورتىنى چەكلەش ھەققىدە مۇزاكىرە بولغان. ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا بۇ ھەقتە: «يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ھالقىلىق ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكالارنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز» دېيىلگەن ئىدى.