ئەنگلىيەدىكى «خەلقئارا قۇللۇققا قارشى تۇرۇش جەمئىيىتى» يېقىندا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر بىر يۈرۈش دوكلاتنى ئېلان قىلغان. يۈرۈشلۈك دوكلاتتا نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئېلىنىۋاتقان دۇنياۋى تەدبىرلەردىن كۈنتاختا ۋە ئېلېكتىر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىل مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ھەر ئىككى ساھەنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە زور دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى شەرھلەنگەن.
دوكلاتلار «مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن»، «ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن» ۋە «ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن» دېگەن تۈرلەر بويىچە تەييارلانغان بولۇپ، «كۈنتاختا ۋە ئاپتوموبىل باتارېيەسىگە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى خىتايدىن يۆتكەش - نۆۋەتتىكى قۇللۇق ئەمگىكىنى ئاياغلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بولۇپمۇ «يېڭىلاشقا بولىدىغان ئېنېرگىيە» دەپ قارىلىۋاتقان تۈر ئارقىلىق ئېنېرگىيەدىن قايتا پايدىلىنىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ، بۇ تۈرلەرنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ماھىيەتتە «ئوڭ يانچۇقنى سۆكۈپ سول يانچۇقنى ياماش» تەك بىر ئىش بولۇپ قالغان.
بۇ دوكلاتلاردا نۆۋەتتىكى «يېشىل تېخنولوگىيە» ساھەسىدىكى بايراقدار تۈرلەردىن بولغان كۈنتاختا ۋە ئېلېكتىر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىل باتارېيەسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كېسىپ تاشلاشتا مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېتەكچىلىك رول ئوينىشى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىستېمالچىلارنىڭمۇ بىر شەخس سۈپىتىدە بۇ خىل «ئاجرىلىش» قا تۆھپە قوشۇش ئىمكانىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆرسىتىلگەن. نۆۋەتتە بۇ ساھەدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى «يېشىل تېخنولوگىيە» ساھەسىدىن ئۈزۈل-كېسىل خالاس قىلىشتا كۆپلىگەن خىرىسلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا.