ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 4-نويابىر كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ 2020-يىللىق يىللىق دوكلاتىدا بېرما، خىتاي، ئېرىتېرىيە ۋە ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىنىي ئەركىنلىك شارائىتىغا مۇناسىۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسى ئىچىدىكى مۇھىم ئۆزگىرىشلەر گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:

«2019-يىلى خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك شارائىتى داۋاملىق ناچارلاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى چىراي تونۇش ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نازارەت قىلىش ئاساسىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت دۆلىتى قۇردى»

ئۇنىڭدا يەنە تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان: «مۇستەقىل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 900، 000 دىن 1مىليون 800 مىڭغىچە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا مۇسۇلمانلار شىنجاڭدىكى 1300 دىن ئارتۇق جازا لاگېرلىرىغا قامالغان. ئۇلار ئۇزۇن ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن لاگېرلارغا ئەۋەتىلگەن، ھاراقنى رەت قىلىش ياكى باشقا قىلمىشلار دائىرىلەر تەرىپىدىن دىنى ئاشقۇنلۇقنىڭ ئالامىتى دەپ قارالغان.»

دوكلاتتا يەنە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلاردا قېيىن-قىستاققا ئۇچرىغانلىقى، بىر مىليوندىن ئارتۇق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغانلىقى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماس قىلىنغانلىقى ۋە نۇرغۇنلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك زاۋۇتلىرىغا يۆتكەلگەنلىكى، مەسجىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقىدەك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى جوھاننى مور دوكلاتتا خىتاي ھەققىدە يازغان باھاسىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي شۈبھىسىزكى دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلغۇچى دۆلەت. ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىككە قىلىۋاتقان دەپسەندىچىلىكىنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ پەقەت ئاقلىغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپلا قالماي، بەلكى باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇنداق زۇلۇم ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىدۇ، قوللايدۇ.»

خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلاتىدا خىتاينى «ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك دۆلەت» دېگەن.