خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدا يىپ بىلەن بەدىنىگە كەشتە تىكىش ھادىسىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلىشقا باشلىغان.
ب ب س نىڭ 23-ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز تېرىسىگە يىپ بىلەن گۈل كەشتىلەش ھەققىدىكى رەسىملەر پايدا بولۇشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى ئاتا ئانىلارغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى ئۆز پەرزەنتلىرىگە ياخشى ئىگە بولۇشقا چاقىرغان. خىتاي خەلق گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان بىر ئاگاھلاندۇرۇشىدا، تېرىگە كەشتە تىكىش ھادىسىنىڭ ياشلار ئارىسىدا مەخپىي تارقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە ۋېيبو تور بېتىگە چاپلانغان بۇ ھەقتىكى رەسىملەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى ئاستىغا ھەم بەھرىلىگەن.
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رەسىملەردە رەڭلىك يىپ بىلەن قول، پۇت ھەتتا كالپۇكلىرىغا كەشتە تىكىلگەن كۆرۈنۈشلەر خاتىرىلەنگەن. بەزىلەر بۇ رەسىملەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا بۇ خىلدىكى قىلمىشلارغا ئىنتايىن سەلبىي باھالارنى يېزىشقان.
خەلق تورىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشتا، تېرىگە كەشتە تىكىش قىلمىشىنىڭ ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىدىغانلىقى، ھەتتا بۇنىڭ قاننىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئۇچۇر قاناللىرى بۇ خىلدىكى ئۆزىنى زەخىمىگە ئۇچرىتىش خاراكتېرلىك قىلمىشلارغا ئۈندەيدىغان تور مۇنبەرلىرى ۋە سۆھبەت گۇرۇپپىلىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىغان.