خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتكەن مەزگىلدە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ 30 غا يېقىن مەتبۇئات ئورگانلىرىدىن كەلگەن ئاخبارات خادىملىرى قەشقەردە زىيارەتتە بولغان.
«خەلق تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر زىيارەت خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەتكە كەلگەن ئاخباراتچىلارنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىكىلەر ئۆزلىرى بىۋاسىتە ھەمراھ بولۇپ زىيارەت قىلدۇرغان. ئەمما خەۋەردە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىسمى، بۇ نۆۋەتلىك زىيارەتلەرنىڭ مەقسىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
يېقىندىن بايان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە چەتئەللەرگە قاراتقان تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. تەڭرىتاغ تورى يېقىندا بىر خەۋەر تارقىتىپ، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەرەققىياتىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق شاد-خۇرام بولۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بۇ ھەقتە پىكىر بۇيان قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن بۇ نۆۋەت قەشقەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ زىيارەتنىمۇ ئەنە شۇ خىزمەتنىڭ بىر پارچىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن بۇ زىيارەتچى مۇخبىرلارنى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ھەقىقەتكە كۆز يۇمماي، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا يولغا قويۇلغان بېسىم سىياسىتى ھەققىدىمۇ چىن مەلۇمات بېرىشكە چاقىردى.
بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە پاكىستاندىكى دىنىي زاتلاردىن تەشكىللەنگەن 4 كىشىلىك بىر ئۆمەكمۇ ئۇيغۇر ئېلىدا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىدە ھېچقانداق دىنىي بېسىم يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
بىراق، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەت نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. بىر قىسىم غەرب ئەللىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ ئۆز خەۋەرلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بېرىشقا رۇخسەت ئالالمايۋاتقانلىقىنى، بارغان تەقدىردىمۇ كەينىگە چۈشۈۋالغان ساقچىلار سەۋەبىدىن خىزمىتىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى.