يېقىندا ئامېرىكا «دېموكراتىيەنى قوغداش فوندى» خىتايدىكى تيەندى شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۇقرالارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان قورال-ئۈسكۈنىلەرنى ياساشتا ئەڭ ئىلغار دۆلەت بولۇپ، زاۋۇتلىرى كۆپىنچە دۆلەت كارخانىلىرى بولسىمۇ، بەزى خۇسۇسىي كارخانىلار ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا شۇنداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن. تيەنجىندىكى تيەندى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئەنە شۇنداق كارخانا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىز قوغلاش ۋە سوراق قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراق قىلىش ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشتا قوللىنىلغان «يولۋاس ئورۇندۇق» تيەندى شىركىتىنىڭ كوزېر مەھسۇلاتى ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تيەندى شىركىتى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ مىللىي كىملىكنى پەرقلەندۈرۈش، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ياساپ چىققان بولۇپ، خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ چىرايىغا نومۇر قويۇپ چىقىدىكەن، 50 نومۇردىن يۇقىرى چىقسا خىتاي بولمىغان مىللەت ھېسابلىنىدىكەن.
تيەندى شىركىتى يەنە ئىراننىڭ ھەربىي ۋە ساقچى ئورگانلىرىغا تەقىپ-نازارەت ئۈسكۈنىلىرى سېتىپ بەرگەن. نۆۋەتتە بۇ شىركەت ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي جازاسى ياكى تاموژنا چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئۇيغۇر رايونى ۋە ئىراندىكى مۇلازىمىتىنى نەزەردە ئالغاندا، ئۇنىڭغا دەرھال ھەرىكەت قوللىنىش، ئۇنىڭ خەلقئارا بازاردىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى ئۈزىۋېتىش كېرەك ئىكەن. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا ھۆكۈمىتى «يەر شارى ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» دىن پايدىلىنىپ، تيەندى شىركىتىنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە جازا يۈرگۈزسە بولىدىكەن.
