يۇلتۇز ئوسمانوۋا 11 يىللىق چەكلىمىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندا كونسېرت قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.02.05

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇلتۇز ئوسمانوۋا كۆپ يىللىق چەكلىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تاشكەنتىكى «ئىستىقلال» سارىيىدا 11-23-ئاپرىل كۈنلىرى ئۆز كونسېرتىنى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ كونسېرتىنىڭ بېلەت باھاسى 35 دوللارغىچە يەتكەن بولۇپ، بېلەتلەر تېز سېتىلىشقا باشلىغان.

ئۆزبېكىستان زامانىۋى ناخشىچىلىقىنىڭ پېشىۋالىرىدىن ھېسابلانغان ناخشا چولپىنى يۇلتۇز ئوسمانوۋا پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ھايات ۋاقتىدا كۆپ يىللار ئۆزبېكىستان تېررىتورىيىسىدە كونسېرت قويۇشتىن غەيرى رەسمىي رەۋىشتە چەكلەنگەن ئىدى. ئۇ، ئۆزبېكىستاننى تەرك ئېتىپ، ھاياتىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە تۈركىيە، رۇسىيە، ئامېرىكا ۋە ئۆزبېكستاننىڭ سىرتىدىكى باشقا سابىق سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدە ئۆز كونسېرتلىرىنى قويۇپ كەلگەن ئىدى.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ ئۆزبېكىستاندا كونسېرت كۆرسىتىشىگە 11 يىل يول قويمىغان بولۇپ، ھەتتا ئۇ تېلېۋىزور ئېكرانلىرىدىمۇ كۆرۈنمىگەن ئىكەن.

پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف ۋاپات بولغاندىن كېيىن، يۇلتۇز ئوسمانوۋا 12-ئايدا تاشكەنتكە كەلگەن ۋە باشقىلار بىلەن بىرگە سەھنىدە ناخشا ئورۇندىغان ئىدى.

يۇلتۇز ئوسمانوۋانىڭ تەرجىمھالىغا ئائىت ئۇچۇرلاردا ئۇنىڭ دادا جەمەتىنىڭ ئەسلى قەشقەردىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتلارمۇ بار. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ئۆزبېكلەر ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ مەشھۇر بولۇپ، ئۇ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۆز ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.