خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئارقىلىق دۇنياغا ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بىر جانلىق مىسالى يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئەزىز ئەنۋەر فەخرۇددىن (Azis Anwar Fahcrodin) ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان مەخسۇس ئوبزوردا يەنە بىر قېتىم پاش قىلىندى.
ئاپتور ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم ئالىملار «زەئىپ ھەدىس» ياكى «ساختا ھەدىس» دەپ قارايدىغان «ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار» دېگەن ھەدىسنى مىسال قىلىش ئارقىلىق سۆز باشلايدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ ھەدىسنى دەستەك قىلغان ھالدا ھىندونېزىيەدە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەدىس راست بولغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ مەركىزىي ئىدىيەسى «ئىلىم ئۆگىنىشتە ئارىلىقنى يىراق كۆرمەسلىك» ھېسابلىنىدۇ. ئەمما خىتاي دىپلوماتىيە ساھەسى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى بىر ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىندونېزىيەدە غايەت زور سوممىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىپ، ھىندونېزىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى خىتايدا ئوقۇشقا جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇنغان.
ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ ئون مىڭ ھىندونېزىيەلىك ئوقۇغۇچى خىتايغا ئوقۇشقا بارىدىغان بولۇپ، بۇ ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىگە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار سانىدىن ئېشىپ چۈشىدىكەن. يەنە كېلىپ خىتاي تەمىنلىگەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن خىتايدا ئوقۇغانلار كۆپىنچە ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ساھەسىدە خىزمەتكە چۈشىدىغان بولغاچقا، بۇ ماھىيەتتە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەۋقەسىنىڭ قانداق بولۇشىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن. تېخىمۇ مۇھىمى 2022-يىلى بالى ئارىلىدا «چىڭخۇا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەركىزى» ئېچىلغان بولۇپ، خىتاي مائارىپ سىستېمىسىنىڭ تارماقلىرى باشقا جايلاردىمۇ ئېچىلىشقا باشلىغان.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، دەل مۇشۇ خىل «يۇمشاق كۈچ» نىڭ سىڭىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىنى ھىمايە قىلىش مەزمۇنىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا بەلگىلىك ساندىكى مۇسۇلمانلار جامائىتىنى ئىشەندۈرەلىگەن.