يۈننەندىكى تۇڭگانلار چوڭ مەسچىتىنىڭ چېقىلىشى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋىدىيو ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، يۈننەن تۇڭخەي ناھىيەسىدىكى ناجيايىڭ مەسچىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېقىلىش ئالدىدا يەرلىك تۇڭگان مۇسۇلمانلارىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

ۋىدىيولاردا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەسچىتنى قورشىۋالغانلىقى، مەسچىتكە كىرەلمىگەن تۇڭگان جامائىتىنىڭ ساقچىلارغا قارىتىپ بىر نەرسىلەر ئاتقانلىقى، ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا ياش ئاققۇزۇش سۇيۇقلۇقى چاچقانلىقى ۋە بەزىلىرى تۇتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن بۇ ۋەقەدە، يەرلىك دائىرىلەر مەسچىتنىڭ قۇببە ۋە مۇنارىنى چېقىپ ئېلىۋەتمەكچى بولغان؛ جامائەتنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى بىلەن بۇ بۇزغۇنچىلىق ۋاقتىنچە توختىتىلغان. ساقچىلارغا قارشىلىق قىلغۇچىلاردىن 30 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىنغان.«ئەل-جەزىرە» ئىنگىلىزچە قانىلىنىڭ تىۋېتتىرغا يوللىغان سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بۇ كۈنى 5000 دەك ساقچى مەسچىتنىڭ ئەتراپىنى تولۇق قورشىۋالغان. بۇ ۋەقە 2020-يىلدىكى خىتاي سوتىنىڭ ھۆكۈمىگە، يەنى ئاتالمىش «قانۇنسىز مەسچىت يېڭىلاش قىلمىشى»غا بېرىپ چېتىلىدىكەن.

«ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ بۇ ئۇچۇرىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلامنى ھاقارەتلەپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى، 2020-يىلدىكى دوكلاتتا مىڭلىغان ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ چېقىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن باشلاپ «دىنلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش»، بولۇپمۇ «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن. مەسچىتلەرنىڭ -مۇنار-قۇببىلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھىلال ئاي بەلگىلىرىنى، چېركاۋلارنىڭ ئۈستىدىكى كىرسېت بەلگىلىرىنى چېقىپ ئېلىۋەتكەن. بۇ ھەرىكەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مەسچىتلەر ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ۋە يوقىتىشقا ئۇچرىغان. خىتاي دائىرىلىرى «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئۇيغۇر رايونىدىكى مىڭلىغان مەسچىتلەرنىڭ بەزىلىرىنى چېقىپ تاشلىغان، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتىپ كۆرگەزمە ياكى بەزمىخانىلارغا ئايلاندۇرغان، قەپ قالغان مەسچىتلەرگە يۈز تونۇش كامېراسى ۋە سىگنال سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تولۇق كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بىلەن ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2020-يىل ئېلان قىلغان دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە چېقىۋېتىلگەن مەسچىت ۋە مازارلىقلار 15 مىڭدىن كۆپ دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

بۇ قېتىم يۈننەندىكى تۇڭگانلار مەسچىتىنىڭ مۇنار-قۇببىلىرىنىڭ چېقىلىشى، خىتاينىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا، ئاندىن نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مەسچىتلەرنى چېقىش، «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنىڭ خىتاينىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى يۈننەن ئۆلكىلىسگە قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتىكەن.