ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 3-لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغان

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 31-ئاۋغۇست كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ-چىقىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ 3-لىنىيەسى بولغان يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا 30-ئاۋغۇست كۈنى قاتناش باشلانغان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 7500 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

يېتىمبۇلاق-چاقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى ئۇيغۇر رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇھىم قاتناش يوللىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، جەنۇبتا چىڭخەي بىلەن چېگرالىنىدىغان چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ يېتىمبۇلاق (ياكى چىلانبۇلاق) بازىرىدىن باشلىنىپ، شىمالدا چاقىلىق ناھىيە بازىرىغا تۇتىشىدىكەن. بۇ يول ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، بېيجىڭ-ئۈرۈمچى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىن قالسا، ئۇيغۇر رايونىغا كىرىپ-چىقىدىغان 3-يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇنلۇقى 294 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ يولنى ياساش ئۈچۈن 14 مىليارد 409 مىليون يۈەن سەرپ قىلغان بولۇپ، بۇ يولدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئىچكىرى خىتايدىن كېلىدىغان ماشىنىلار بىۋاسىتە چەرچەن، چاقىلىق، خوتەن، قەشقەرگە كىرەلەيدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىشنى تېزلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىچكى يولىنى تۇتاشتۇرۇش، جەنۇب-شىمال ئوتتۇرىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، چېگرادىن كىرىپ-چىقىشنى باغلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ رايوننى «بىر بەلۋاغ بىر يول» لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئىقتىساد تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش ۋە بۇ رايونغا ئىچكىرىدىن كۆپلەپ ئادەم ۋە مەبلەغ كىرگۈزۈش شارائىتىنى ھازىرلىماقچى بولغان. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادى چېكىنىۋاتقان، يۇقۇم ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالدا خىتاينىڭ ئۇ پىلاننى ئىشقا ئاشۇرالماسلىق ئېھتىمالىمۇ كۈچەيمەكتىكەن. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «تۇتاش ئاسىيا» ئاقىللار مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خىلمان بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «مېنىڭچە، ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشى دېڭىزدا ئۆلۈپ قالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قۇرۇقلۇقتا نەگە بارالىشى بەكمۇ گۇمانلىق» دېگەن.