خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى كەسكىن تەنقىدلەرگە دۇچ كەلدى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى ئۆلۈك ھالدا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىشنىڭ بەدىلى بەكمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقىنى تاشقى دۇنياغا پاجىئەلىك يوسۇندا كۆرسىتىپ بەردى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 27-نويابىردىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، ئوت ئاپىتىدىن كېيىن ھەرقايسى جايلاردىكى خىتاي ئاممىسى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ خىزمەتتە سۇسلۇق قىلىشى، ۋىرۇسنى كونترول قىلىش چارىلىرى قاتارىدا ئۆيلەرنى پېچەتلەش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى ئۈزۈل-كېسىل تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى ۋېنشېڭ «تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن قوللىنىلغان چارە-تەدبىرلەر بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىگە سەۋەب بولغان، دېگەندەك گەپلەر پۈتۈنلەي يالغان» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ھەمدە ئاھالىنىڭ ئۆزلىرى بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتىگە سەۋەبكار بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان «ئاھالىلەرگە ئۆيلىرىدىن ئايرىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەن؛ ئوت ئاپىتىدە قېچىش ئۈچۈن ياسالغان ئىشىكلەر تاقاپ قويۇلغان» دېگەندەك ئۇچۇرلارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. 25-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇلاقتاغ (شۇيمۇگو) رايونىدىكى 24 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئوت ئاپىتى ھەققىدە «ساختا ئۇچۇر يوللىغانلىقى» سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما بۇ قىزنىڭ ئۇيغۇر ياكى خىتاي ئىكەنلىكى ئېيتىلمىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن خىتاينىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرى قامالنى قىسمەن بىكار قىلغان. ئەمما كۆپ قىسىم جايلاردا يەنىلا مەۋجۇت تەدبىرلەرنىڭ داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ئالغا سۈرۈلگەن.