«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كومپارتىيە كومىتېتى سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا ئالاھىدە قىلىپ: «زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم كاپالىتى» دەپ كۆرسەتكەن. يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت، شۇنىڭدەك بىڭتۈەننىڭ ئاساسلىق كاتتىباشلىرى تولۇق قاتناشقان.
خىتاي كونتروللۇقىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى چوڭ يىغىندا ما شىڭرۇي تەشكىلات خىزمىتى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنداقلا بۇ ساھەدە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، شۇنىڭدەك پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن پارتىيەگە سادىق ۋە يۇغۇرى سۈپەتلىك مىللىي كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ چىقىشىمىز لازىم» دېگەن. شۇنىڭدەك «ئىككىنى تۇرغۇزۇش» ، «ئىككىنى ھىمايە قىلىش» ئېڭى كۈچلۈك بولغان، سىياسىي مەسىلىلەردە بايرىقى روشەن بولغان ئىنتىزامچان كادىرلارنى ھەر قايسى ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەردە بىرىنچى قول ئورۇنغا قويۇش لازىملىقىنى، بۇ خىلدىكى مىللىي كادىرلار قوشۇنىنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي نىشانغا يېتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتكەن. ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئېيتقانلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئاۋغۇستتا ئۈرۈمچىگە كەلگەندە تەكىتلىگەن «مۇھىم نۇقتىلار» نىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر دىيارىدا ھازىرغا قەدەر كۆپ قېتىم ئىجرا بولغان «ئىككى يۈزلىمىچى» كادىرلارنى جازالاش ھەرىكىتىدە ئۇزۇن يىللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە سادىقلىق بىلەن ئىشلىگەن ھەر دەرىجىلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارمۇ قاماققا ئېلىنغانلىقى مەلۇم. جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق سابىق ھۆكۈمەت رەئىسى نۇر بەكرىمۇ ئەنە شۇ خىل «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان رەھبىرىي شەخسلەرنىڭ بىرى بولغان. ئەمدىلىكتە ما شىڭرۇينىڭ «پاكلىق» ۋە «ئىشەنچلىك بولۇش» ھەققىدە قايتا ۋەزخانلىق قىلىشى بۇ ساھەدىكى يەنە بىر قېتىملىق «تازىلاش» نىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.
