ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى تەنقىد ۋە ئەيىبلەشلەرگە جاۋابەن خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا «شىنجاڭنىڭ ياخشى ياكى يامان ئىكەنلىكى ھەققىدە مۇشۇ يەردىكى كىشىلەر سۆز قىلىشقا ئەڭ ھوقۇقلۇق» دەپ جاكارلىغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى «سۆز قىلىش ھوقۇقى» نى چەت ئەللەردە ئوقۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن بايان قىلدۇرغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 28-ئىيۇلدىكى چاتما خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فرانسىيەدە ئوقۇپ تىببىي پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇخپۇل ئابلىز «شىنجاڭنىڭ دورا بايلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قېزىش» ئارزۇسىدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ۋە بۇ ساھەدىكى غوللۇق ئالىملاردىن بولۇپ قالغان. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر، خىتاي ۋە قازاق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىدىكى يېتەكچى كۈچلەردىن بولۇپ قالغانلىقى، بۇلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوقۇش ھاياتىدا «خىتايدىكى باراۋەرلىك، شىنجاڭدىكى ئىناقلىق ۋە تەرەققىيات» ھەققىدە چەت ئەللىكلەرگە «توغرا چۈشەنچە بېرىپ كەلگەن» لىكىمۇ قىستۇرۇلغان.
ھالبۇكى، بۇ كىشىلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان مۇتەخەسسىسلەردىن تىببىي پەنلەر دوكتۇرى خالمۇرات غوپۇر، بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى تۇرسۇنجان بىلگە، ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىن چىققان زۇلپىقار بارات ئۆزباش ۋە ئابلەت ئابدۇرىشىت بەرقى قاتارلىق ئونلىغان دوكتۇر زىيالىلارنىڭ چەت ئەللەردىكى ئوقۇش ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لاگېرلارغا ۋە تۈرمىلەرگە قامىلىپ بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى «سىياسىي مەسىلە» دەپ قارايدىغان پائالىيەتلەرگە ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغانلىقىنىڭمۇ ئۇلارنى بۇ خىل قاباھەتتىن ساقلاپ قالالمىغانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلىنمىغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن ئالىملاردىن دوكتۇر ئادريان زېنز ئىلگىرى بۇ ھەقتىكى رادىيومىز زىيارىتى جەريانىدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى ھەرقاچان ئۆزلىرى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ،» دېگەن ئىدى.