خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى تۈركسوي، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن 2016-يىلىنى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» يىلى ئېلان قىلغان ۋە مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلانغان پائالىيەت ۋە خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلگەنىدى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ خاتىرە كۈمۈش تەڭگىسى تارقاتقان.
تۈركىيە ت ر ت رادىيوسىنىڭ 1-نويابىر خەۋەر قىلىشىدا، مىڭ دانە بېسىلغان خاتىرە تەڭگىگە، قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرى يېنىدىكى 11-ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ يازلىق پايتەختى بولغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى بالاساغۇن شەھىرىگە تەۋە يادىكارلىق بۇرانا مۇنارى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ باش سۈرىتى، تەڭرىتېغى ۋە قەشقەردىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن. سەككىز بۇرجەكلىك كۈمۈش تەڭگىنىڭ ئەتراپىغا يەنە، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇ بىلىك ناملىق تارىخىي ئەسىرىدىن ئېلىنغان «بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرگۈچى ئىلىم» دېگەن مەنىدىكى سۆزلەر ئويۇلغان. ئېغىرلىقى 28.88 گرام كېلىدىغان كۈمۈش تەڭگىنىڭ قىممىتى قىرغىزىستان پۇلىغا 3420 سوم، ئامېرىكا پۇلىغا 50 دوللار ئەتراپىدا دەپ بېكىتىلگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان تارىخچىلىرى مىلادى 1016-يىلى قاراخانىيلار يازلىق پايتەختى بالاساغۇندا تۇغۇلغان، 1077-يىلى قاراخانىيلارنىڭ قىشلىق پايتەختى قەشقەردە ۋاپات بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يۇرتى بالاساغۇننىڭ ھازىرقى قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىكى توقماق شەھىرىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قىرغىزلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن خەلقئارادىكى ئارخېئولوگلار ۋە تارىخچى، تەتقىقاتچىلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ پەلسەپىۋى ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئوردا تىلى خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى ۋە قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان نۇسخىسىنى ئىسپات قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ، ئۇندىن قالسا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىي مىراسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقتا.