خىتاي بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ كېلىۋاتقان ئاۋسترالىيە يېقىندا زامانىۋى قۇللۇققا قارشى قانۇن تۈزۈش ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمنى باسقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىشى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 27-ئاپرېل خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت ۋە سودا قانۇنى تۈزۈش كومىتېتى مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكس پاترىكسنىڭ بىر قانۇن لايىھەسىگە قاراپ چىقىۋاتقان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھىسىدە «شىنجاڭدىن ھېچقانداق مالنى ئىمپورت قىلماسلىق، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىنمۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بولغان ھەر قانداق مالنى ئىمپورت قىلماسلىق» دېگەن تەكلىپ سۇنۇلغان.
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى پارلامېنتتا ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر خىتاي بىلەن سودا قىلىپ كېلىۋاتقان شىركەت ۋە كارخانىلار بىلەن قەرەللىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇپ، سۆھبەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مال تەمىنلەش لىنىيەسىگە چېتىشلىق قۇل ئەمگىكى مەسىلىسى ئاساسلىق تېما بولغان.
پارلامېنتتىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئاۋسترالىيەنىڭ بۇ جىنايەتكە، بۇ زوراۋانلىققا ئىنكاس قايتۇرۇشىنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ بەلكىم خىتاينىڭ سودا ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ئەمما ئاۋسترالىيەنىڭ ئامېرىكا، كانادا، گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيەگە ئوخشاش ھەق مەيداندا تۇرۇپ خىتايغا تېگىشلىك تەدبىر قوللىنىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.