ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسى خىتايدىكى ئىككى ئىشخانىسىنى تاقىدى

«بىرلەشمە ئاگېنتلىق» (AP) نىڭ 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسى (DEA) ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان مۇشەققەتلەر بەدىلىگە ئاران قولغا كەلتۈرگەن خىتايدىكى ئىككى ئىشخانىسىنى تاقاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ ھال مەزكۇر ئىدارە خىتايدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان ھەمدە فېنتانىل (fentanyl) غا خام ئەشيا بولۇۋاتقان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى چەكلەشتە كۆپلىگەن خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە يۈز بەرگەن. مەزكۇر ئىدارىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن ئاننى مىلگرام (Anne Milgram) بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇ ئەھۋال ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىدارىسىنىڭ چەكلىك مالىيە كۈچىنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتەك تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ساھەگە سەرپ قىلىش زۆرۈرىيىتىنىڭ ئىنكاسى» دېگەن. شۇنداقلا يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا مىقياسىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشخانىلارنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم تاقالغان ئىشخانىلار شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ شەھەرلىرىدە بولۇپ، بېيجىڭ ۋە خوڭكوڭ شەھەرلىرىدىكى ئىككى ئىشخانىلا ساقلىنىپ قالغان. تاقىلىپ قالغان ئىشخانىلار ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا مەزكۇر ئىدارە ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن مايك ۋىجىل (Mike Vigi) بۇنىڭ سىياسىي جۇغراپىيە نۇقتىسىدىن رەقىب بولۇۋاتقان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پات-پاتلا توختاپ قېلىۋاتقان ھەمكارلىقنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى نامدا فېنتانىلغا خام ئەشيا بولىدىغان نەچچە ئونلىغان خىمىيەۋى بۇيۇملارنى كونترول قىلىنىدىغان تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ھەمدە شىركەتلەرنىڭ بۇ تۈردىكى بۇيۇملارنى يوللىشىغا بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا فېنتانىلنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا تەۋەسىدە ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 100 مىڭ كىشى فېنتانىلدىن زەھەرلىنىپ ئۆلمەكتە ئىكەن.

بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي نامدا فېنتانىلنى چەكلەش شوئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا زەھەر چەكلەش ئىشخانىسىنىڭ خىتايدىكى خادىملىرى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ۋىزا چەكلىمىسى، خىزمەت چەكلىمىسى قاتارلىق بىر قاتار چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىپ تۇرغان. شۇڭا نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئارىسىدا «خىتاي ھازىر فېنتانىل ئارقىلىق يېڭىدىن ‹ئەپيۈن ئۇرۇشى›نى باشلاپ ئامېرىكانى ئىچكى قىسىمدىن ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دېگەن قاراش كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان.