جاڭ چۈنشەن ئاقسۇ ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولدى


تېخى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىدىكى ئۆتكەن يىلى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن ئېلىشقۇ قاتارلىق يېزىلاردا زىيارەت ۋە ئەھۋال ئىگىلەش سەپىرىدە بولغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈشەن 22 - 23 - ئاۋغۇست كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن ئالدىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرغان مۇقىمسىز ناھىيىلەر دەپ قارىلىۋاتقان كۇچار، ئۇچتۇرپان، توقسۇ، ئاۋات ۋە باشقا جايلارنىڭ پارتىيە - مەمۇرىي رەھبىرى كادىرلىرى بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەن.

ئاشكارىلىشىچە، جاڭ چۈنشەن يەنە مەزكۇر ۋىلايەتنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى باشلىقلىرى بىلەن مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، تەڭرى تاغ تورى جاڭ چۈنشەننىڭ سىياسىي قانۇن ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ساھەسى باشلىقلىرى بىلە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ 22 - چىسلا كېچىدىن باشلىنىپ ئەتىسى تاڭ سەھەرگىچە، ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى قەيت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ بۇ سەپىرىدە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق ئىشلىرىنى كۈچەيتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى جامائەت خەۋپسىزلىكى دائىرلىرىدىن9ئىدىن «مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىنىڭ زور مۇراسىم پائالىيەتلىرى جەريانىدىكى جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، 3 - سېنتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پارات پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ يىل 10 - ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قورۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ. بېيجىڭنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى مۇقىملىق ۋە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە ئىكەن.