جاڭ چۈنشيەن يېڭى يىللىق نۇتقىدا ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارغا زەربە بېرىش» ئاتالغۇسىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى جاڭ چۈنشيەن 31- دېكابىر ئېلان قىلغان يېڭى يىللىق نۇتقىدا «مۇقىملىقنى ساقلاش» ۋە ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلارغا زەربە بېرىش» ئاتالغۇسىنى ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغان.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن 31- دېكابىر ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان يېڭى يىلنى تەبرىكلەش چاي زىياپىتىدە «2014- يىلىنىڭ كۆرۈشكە تولغان»، «خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش كۆپ بولغان»، ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋەقەلىرى كۆپ كۆرۈلگەن، ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ تەشۋىقىي قۇتراتقۇلۇق ۋە قوراللىق ئارىلىشىشى كۈچەيگەن بىر يىل» بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

جاڭ چۈشەن نۇتقىدا 2014- يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا «تېررورلۇق، زوراۋانلىقى ۋەقەلىرىنى قاتتىق باستۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى ھەمدە شۇنىڭغا ئائىت دېلولىرىنىڭ «قەتئىي ۋە كەسكىن» بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئۇ يەنە، پۈتۈن رايون مىقياسىنىڭ مۇقىم ۋەزىيىتىنى ساقلاش ئۈچۈن «زەربە بېرىدىغان قول قاتتىق بولۇش، ئەدەپلەيدىغان قول تېخىمۇ قاتتىق بولۇش» ھالىتى ساقلاپ كېلىنگەنلىكى، ئاتالمىش دىنىي ئاشقۇنلىشىش قاتارلىقلارغا قاتتىق زەر بېرىش ئۈچۈن «دىنىي ئىشلار نىزامنامىسى» نىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، «جىھاد» نەزەرىيىسىگە تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ 2015- يىلىدا يۇقىرىقى خىزمەت پرىنسىپىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەندىن باشقا، بۇ يىلدا «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئارقىلىق جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈش» مېخانىزمىنى كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىقتىسادىي ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش پىكرى 2009- يىلدىكى «5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن قايتا تەكىتلەنگەن ۋە كۈچەيتىپ يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان سىياسەتلەرنىڭ بىرى.

ھالبۇكى، بۇ ھەقتە پىكر يۈرگۈزگەن مۇتەخەسسىسلەر، مەزكۇر ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىسىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا سىرتتا قالدۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭسىزلىكنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى ھەسسىلەپ چەكلەش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقان پەيتلەردە نوقۇل ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىلا تەكىتلەش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرگە جاۋاب بولالمايدىكەن.