جاڭ چۈنشيەن تەختتىن غۇلىغان، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ دۈشەنبە كۈنى تەختتىن غۇلىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پۈتۈن دۇنيادىكى چوڭ - كىچىك تاراتقۇلاردا ئۇلاپ بېسىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە جاڭ چۈنشيەننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە «ئايرىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، جاڭ چۈنشيەننىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك سېكرېتارلىقىغا تەيىنلەنگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، جاڭ چۈنشيەن بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سېكرېتارلىرىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئېلىنغان. خىتاي كومپارتىيىسى يەكشەنبە كۈنى يەنە تىبەت ئاپتونوم رايونى بىلەن يۈننەن ۋە خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارلىرىنىمۇ ئالماشتۇرغان.

كۆزەتكۈچىلەر بىلەن سىياسىي ئانالىزچىلار، بۇ قېتىملىق زور تەڭشەش شى جىنپىڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 19 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ھوقۇق چەمبىرىكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە ئۇرۇنۇشىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ قارىماقتا.

سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، جاڭ چۈنشيەن خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدىكى «جياڭ زېمىن گۇرۇھى» غا مەنسۇپ ئەمەلدار بولۇپ، بۇ يىل 5 - ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدا يېتىشتۈرگەن بىر قىسىم يېقىنلىرى تازىلانغان. گەرچە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە جاڭ چۈنشيەننى «باشقا ۋەزىپە» گە قويىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما چەتئەل تاراتقۇلىرى ئۇنىڭ ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش «يېرىم دەم ئېلىش» قا چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.