شايار ناھىيەسىدىن كەنتلەرگە چۈشكەن سوت خادىملىرى يەسلى بالىلىرىغا ئاتالمىش «جۇڭخۇا ئىدىيەسى» نى سىڭدۈرگەن

خىتاينىڭ 5-قېتىملىق «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقاتى» كۈنىدە شايار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار 3-دېكابىر كۈنى شايار ناھىيەسىدىكى دولقۇن يەسلىسىدە ئاتالمىش «ۋەتەننى سۆيۈش» تېمىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يەسلىنىڭ ياردەمچى ئوقۇتقۇچىسى شۈ جىڭ بىر سىنىپ بالىلىرىنى يېتەكلەپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. مۇراسىمدا بالىلارغا خىتاينىڭ دۆلەت مارشىنى ئۆگەتكەن. مۇراسىمدىن كېيىن بالىلارغا خىتاينىڭ «ئاساسىي قانۇنى» بويىچە ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي پۇقراسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بالىلارغا «مەن جۇڭگولۇق»، «مېنىڭ ئانام جۇڭگو» دېگەن سىياسىي تېرمىننى سىڭدۈرۈپ، مۇشۇ تېمىدا قايتا-قايتا مەشىق ئېلىپ بارغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلار يەنە «دۆلەت تىلى»، يەنى خىتاي تىلىنى يەسلىدىن باشلاپ ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىگەن شۇنداقلا يەسلى بالىلىرىغا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بويىچە سىياسىي تەربىيە ئېلىپ بارغان.

مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر پىكىر بايان قىلىپ، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «مېڭە يۇيۇش» پروگراممىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.