ئامېرىكىدا زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 31 ئادەم بايقالغان بولسىمۇ، ئامېرىكا سەھىيە خادىملىرى پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئامېرىكىدا پارتلاش خاراكتېرلىك يامراپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ئاننې شۇچات، نۆۋەتتە ئامېرىكىدا يۇقۇملانغان كىشىلەر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى قاتارلىق 11 شتاتقا تارقالغان بولسىمۇ، يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ۋىرۇسنى يۇقۇم رايونلىرىدا ساياھەت قىلىش جەريانىدا يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىكا ۋىرۇسى بۇندىن 70 يىل بۇرۇن ئۇگاندا زىكا ئورمانلىقىدىكى مايمۇنلاردا بايقالغان بولغاچقا «زىكا ۋىرۇسى» دەپ ئاتالغان.
زىكا ۋىرۇسىنى ئەدىس پاشىسى يەنى قارا پاشا ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ، مەزكۇر پاشىلار ئاساسەن تروپىك ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغلاردا ياشايدىكەن.
مەزكۇر ۋىرۇس بۇ قېتىم جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى بىرازىلىيەنى مەركەز قىلغاندىن باشقا دۇنيادىكى كۆپىنچە دۆلەتلەردە بايقالغان.
بىرازىلىيە ئالىملىرى زىكا ۋىرۇسىنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئەيىبناق تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ بوۋاقلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسى ۋە مېڭىسىدە كەمتۈكلۈك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
بىرازىلىيە پرېزىدېنتى دىلما روسسېف جۈمە كۈندىكى باياناتىدا نۆۋەتتە بىرازىلىيەدە زىكا ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدىغان پاشىلارنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ھەرىكىتى باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
«بۈگۈنكى ئامېرىكا» گېزىتىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە يەنە، قارا پاشا ئامېرىكىنىڭ ئىسسىقراق جايلىرىدا مەۋجۇت بولسىمۇ، چەتئەللەردە زىكا ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان ئايرىم شەخسلەرنىڭ مەزكۇر ۋىرۇسىنى ئامېرىكىدا تارقىتىشى ئىنتايىن قېيىن ئىكەن.
بۇ ھەقتە توختالغان ئاتلانتا ئەموري ئىنستىتۇتى مۇھىت تەتقىقاتى فاكۇلتېتى دوتسېنتى گونزالو ۋازكۇئەز زىكا ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇملىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇملانغان كىشىنى چاققان پاشىغا يۇقىدىغانلىقى، ئەمما مەزكۇر ۋىرۇسىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە قاندىن تازىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.