زۇلھايات ئىسمائىل يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ «كىشىلىك ھوقۇق ئادالىتى» نى ياقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.21

قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل يېقىندا «شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە سۆز قىلىشقا كىم ئەڭ ھەقلىق؟» سەرلەھۋىلىك باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ «بەختىيار تۇرمۇشى» ھەققىدە ۋەز ئېيتقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، زۇلھايات ئىسمائىل ماقالىسىدە غەربتىكى «دۈشمەن كۈچلەر» نىڭ «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى قاتارلىق تېمىلار بويىچە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارا چاپلىغان قىلمىشلىرى» نى پاش قىلغان. زۇلھايات ئىسمائىل ماقالىسىدە يەنە «شىنجاڭدا ئىقتىساد مۇقىم راۋاجلانغان، جەمئىيەت ئىناقلىققا ۋە مۇقىملىققا تويۇنغان، ھەر مىللەت خەلقى بەخت تۇيغۇسىدا يايراۋاتقان» بىر ۋەزىيەتتە بۇ رايوندىكى ھەقلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆز قىلىشقا مۇشۇ رايوندىكى كىشىلەر سۆز قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق، دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقلەر توغرىسىدا سۆز قىلىشنىڭ يەڭگىل بولغاندا لاگېرغا، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلمىغان.

زۇلھايات ئىسمائىلنىڭ ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بىر نۇقتا «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ بۇنى «ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق ئاممىسىنى باي قىلىش» تىكى مۇھىم چارىلارنىڭ بىرى قاتارىدا شەرھلىگەن. شۇنىڭدەك «ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن 2021-يىلى ئىككى مىليون ئادەم قېتىمدىن كۆپ كەسپىي تەربىيەلەشنى تاماملىدۇق» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكۇر ئادريان زېنز «لاگېرلارنىڭ سىرتىدا» ناملىق زور ھەجىملىك دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدىكى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يەرلىك ئاھالىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان باھالىق «زامانىۋى قۇل» قاتارىدا ماڭدۇرۇش، ئىككىنچى قەدەمدە يەرلىك ئاھالە يۆتكەلگەندىن كېيىن ھاسىل بولغان بوشلۇقنى خىتاي نوپۇسى بىلەن تولدۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆپ تەرەپلىمە پاكىتلار ئارقىلىق كۆرسەتكەنىدى.

زۇلھايات ئىسمائىل ماقالىسىدە «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە قوغدىلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ ھەقتىكى بىر قاتار قانۇن-نىزاملارنىڭ تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى بۇنىڭغا مىسال قىلغان. ئەمما ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ كىيمەيدىغان لىباسلارنى كىيىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ خىتايچە چاڭچىلە ئېيتىشىنى كۈندىلىك مەشغۇلات قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ غايىب بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىغان. 9-فېۋرالدا «ئ‍ۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» ئېلان قىلغان «مەدەنىيەت مىراسلىرىغا شېرىك بولۇش» ناملىق دوكلاتتا بولسا ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى مۇقام، مەشرەپ قاتارلىق مەدەنىيەت دۇردانىلىرىنىڭ قانداق يوقىتىلىۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغانىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.