25-ئىيۇن ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىرلىكتە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، بىر باش ماقالە ئېلان قىلدى.
«چولپان ئېلانچىلىقى» (Star Advertiser) تورىنىڭ شۇ كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان باش ماقالىدە زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان خىتايدىكى تۇنجى ئۇيغۇر جەمئىيەتشۇناس ئىكەنلىكى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. ماقالىدە يەنە ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇنىڭغا دوتسېنتلىق ئۇنۋانى بىلەن خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەكلىپى ئەۋەتكەنلىكى، ئەمما ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭغا خىتايغا قايتماسلىق ھەققىدە كۆپ خىزمەت ئىشلىگەنلىكى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا قايتىپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇزاق ئۆتمەي تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، زۇلپىقار بارات ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ھەققىدە دوكلات سۆزلىگەندە ئۆز ئىسمىنىڭ خىتايچە پىنيىن شەكلىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىكەن. ئۇ دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسىدە يەنە 1944-يىلىدىكى ئىلى ئىنقىلابى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بەزى بايانلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىكەن.
ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشلىرىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىلىم ئادەملىرىنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغانلىقى، بۇ ئەھۋالغا نىسبەتەن دۇنيادىكى پۈتكۈل ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ۋە فاكۇلتېت خادىملىرىنىڭ زۇلپىقار بارات ئۆزباش ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە يەنە پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ئىلىم ئەركىنلىكىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ياكى غايىب قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
زۇلپىقار بارات ئۆزباش 2009-يىلى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىگە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. ئۇ ئامېرىكادىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ بىر مەزگىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «تەڭرىتاغ ئالىمى» دېگەن تۈر بويىچە تەكلىپلىك تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا «ئىلىم چېيى» پائالىيىتى تەشكىللىگەن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بىر يۈرۈش لېكسىيە ۋە مۇنازىرىلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان.