ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «زۇلۇمنىڭ قۇرۇلمىسى» ناملىق ئۇيغۇرلارغا ئائىت چوڭ ھەجىملىك دوكلاتى خىتاي دائىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۈ گۇيشياڭ 22-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر تەتقىقات ئورنىغا ھۇجۇم قىلغان. شۈ گۇيشياڭ سۆزىدە مەزكۇر تەتقىقات ئورۇنىنى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە قورال-ياراق سودىگەرلىرىدىن پۇل ئالغان، ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەممە تەرەپكە ئۆسەك سۆز تاقىتىپ، خىتاينى سەتلەشتۈرۈشكە ۋە بەت-بەشىرىلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى،» دەپ ئەيىبلىگەن.
ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى 19-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ بېيجىڭدىن ئۈرۈمچى ۋە خوتەنگىچە بولغان دائىرىگە يېيىلغان غايەت زور ھۆكۈمەت سېستىمىسى ئورتاق خىزمىتى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ھادىسە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىقنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدىن تارتىپ يەرلىكتىكى يېزا-كەنت دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىغىچە «مۇقىملىق» نامىدا زىچ ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان ئىكەن. بىراق شۈ گۇيشياڭ مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنى «بولۇپمۇ شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە قايتا-قايتا ئاساسسىز ۋە بىر تەرەپلىمىلىك يالغانچىلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئامېرىكادىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ ‹تېرورلىققا قارشى تۇرۇش›، ‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش› تىرىشچانلىقىغا قارا سۈركىشىگە ھەمكارلاشتى،» دېگەن.
شۈ گۇيشياڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئۇلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باستۇرۇشتا غايىپ بولغان يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكى، نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.