زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېردىكى كەچمىشى تېما قىلىنغان رەسىملىك خەۋەر پۇلىتزېر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022-05-10
Share

«ئاكسيوس» (Axios) تورىدا بېرىلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاخباراتچىلىق مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولغان پۇلىتزېر مۇكاپاتىنىڭ 2022-يىللىق باھالاش نەتىجىسى 9-ماي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە لاگېردىكى ئۇيغۇرلار تېما قىلىنغان رەسىملىك چۈشەندۈرۈش خەۋىرى شۇ تۈر بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

فەھىمدە ئەزىم (Fahimda Azim)، ئانتونى دېل كۆل (Anthony Del Col)، جوش ئادامس (Josh Adams)، ۋالت ھىككى (Walt Hickey) قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئىشلىگەن، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچمىشلىرى ئاساس قىلىنغان بۇ رەسىملىك چۈشەندۈرۈش خەۋىرىدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

«مەن خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلۇپ چىقتىم» دېگەن تېمىدىكى بۇ رەسىملىك چۈشەندۈرۈش خەۋىرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا «ئىچكى ئەھۋالنى بىلگۈچى» (Insider) تورىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ لاگېردا كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە لاگېردىن قۇتۇلۇش جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەنلىرى تېما قىلىنغان؛ زۇمرەت داۋۇتنى مىسال قىلىپ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان كارتون رەسىملەر ۋە دەل جايىدا بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن لاگېر پاجىئەسىنى سەنئەتلىك شەكىلدە ئىخچام، تەسىرلىك، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.

بۇ كارتون رەسىملەردە زۇمرەت داۋۇتنىڭ 2016-يىل نويابىردىن باشلانغان قاباھەتلىك كۈنلىرى، 2018-يىل 3-ئايدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ساقچى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ سوراققا تارتىلىشى، باشتىن كەچۈرگەن قىيىن-قىستاقلار، «دوختۇرلۇق تەكشۈرۈشى» ۋە تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىنىشلار، 24 سائەت كۆزىتىپ تۇرىدىغان كامېرالار، قوتانغا سولانغان توپ-توپ قويلاردەك داق يەردە يېتىپ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئۇيقۇسىزلىق ئازابىدا قىينىلىشلار، تاياق يېگەندە «ئاللاھ» دەپ سالسا تېخىمۇ قاتتىق تاياققا دۇچار بولۇشلار، مېڭە يۇيۇشلار، لاگېردىن چىقىش ئالدىدا بۇ يەردىكى ئىشلار ھەققىدە ھېچنېمە دېمەسلىك توغرۇلۇق ئىمزا قويۇشلار، تاكى خىتايدىن ئايرىلغىچە قايتا تۇتۇلۇپ لاگېرغا قايتۇرۇلۇش ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلالماسلىقلار تولۇق بىر قاباھەتلىك ھېكايە شەكىلدە بايان قىلىنغان.

پۇلىتزېر مۇكاپاتى ئامېرىكادىكى ئاخباراتچىلىق، ژۇرنالىستلىق ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلاردىن بىرى بولۇپ، 1917-يىل گېزىت نەشرىياتچىسى جوسېف پۇلىتزېر (Joseph Pulitzer) تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن؛ باھالاش ھەيئىتى ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئېسىل ئەسەرلەرنى 20 تۈر بويىچە باھالاپ، مۇكاپات تارقىتىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت