زۇمرەت ئوبۇل ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ قانۇن دۆلىتى ئىكەنلىكىنى پەش قىلغان

خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 29-ئۆكتەبىر چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى پارلامېنت ئەزالىرى مۇھاكىمە سىنىپى ئەزالىرىنى كۈتۈۋالغاندا، خىتاينىڭ «قانۇن دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى ماختىغان.

كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان زۇمرەت ئوبۇل خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي دوستلۇق» نى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە «تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىۋاتقان شىنجاڭ» دا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ «قانۇن بىلەن كاپالەتكە ئىگە قىلىنغانلىقى» نى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، شۇنداقلا ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ مۇھاكىمە سىنىپىغا قاتناشقان قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئايرىم-ئايرىم پىكىر بايان قىلىپ، «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىش» تىلەكلىرىنى بىلدۈرگەن.

كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ نامدا ئەڭ ھوقۇقلۇق ئاپپاراتى ۋە قانۇن چىقىرىش ئورگىنى بولغان خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان زۇمرەت ئوبۇلنىڭ بۇ يەردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ «قانۇن دۆلىتى» ئىكەنلىكىنى پەش قىلىشى دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا بولۇپ، خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە تەنقىدلىنىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نى «شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش» نامىدا سىرتقا تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

خىتاي «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 2024-يىل 8-ئاينىڭ 24-كۈنى چاقىرغان 35-نۆۋەتلىك مۇدىرلار يىغىندا «ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ھەققىدىكى جازا تەدبىرلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» تېمىسىدىكى قارار لايىھەسى ماقۇللانغانىدى. سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھېچقانداق كۈچى ۋە تەسىرى يوق ئورگان بولۇشىغا قارىماي، پەقەت دۆلەت ئوبرازى ئۈچۈن تىكلەپ قويۇلغان، ئەمەلىيەتتە بولسا خىتاي كومپارتىيەسىگە خىزمەت قىلىدىغان ئاپپارات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.