گېنېرال زۇنۇن تېيىپوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئەسكە ئېلىندى

يېقىندا قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى 1945-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى زۇنۇن تېيىپوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ قىزى مۇبارەك زۇنۇن قىزى تەرىپىدىن يېزىلغان مەخسۇس ئەسلىمە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئەسلىمە ماقالىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف ئەسلى قازاقىستاننىڭ ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ياركەنت شەھىرىدە 1917-يىلى ھال ئوقىتى ياخشى تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ياركەنتتىكى رۇس مەكتىپىدە ئوقۇغان زۇنۇن تېيىپوف 1931-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باي-يەر ئىگىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى مەزگىلىدە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىرگە غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، ھۈسەنباي تېرە زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ، ئىشلەيدۇ.

زۇنۇن تېيىپوف 1944-يىلى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى 12 كىشىلىك ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى بولۇپ، 1944-يىلى، 7-نويابىر كۈنىدىكى غۇلجا قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ ھەمدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ھەربىي نازارەت باشلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئاتقۇرغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا پولكوۋنىكلىق ئۇنۋانى بىلەن مۇئاۋىن باش قوماندان بولىدۇ.

ئۇ، دۆربىلجىن، چۆچەكنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشى ۋە شىخۇ ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغۇچىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە خەلق ئىچىدە يۇقىرى تەسىر كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، زۇنۇن تېيىپوف، 1950-يىلى، مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭ ھەربىي رايونى قۇرۇلغاندا، مەزكۇر ھەربىي رايوننىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ھەمدە 1955-يىلى، سەيپىدىن ئەزىز، مەمتىمىن ئىمىنوف، زاھىر ساۋدانوف، مەرغۇپ ئىسھاقوف بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ گېنېرال مايورلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەمما، زۇنۇن تېيىپوف 1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كەتكەن.

ئۇنىڭ قىزى مۇبارەك زۇنۇننىڭ ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنىشىچە، زۇنۇن تېيىپوف 1960-يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان. كېيىن ئالمۇتادا زاۋۇت باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. ئۇ، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا ۋە غېنى باتۇر ۋاپات بولغاندىن كېيىن چىلەكتە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان.

زۇنۇن تېيىپوف 1988-يىلى، ئالمۇتادا ۋاپات بولغان. ئۇ 1970-يىللاردا رۇس ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا تۇنجى قېتىم مىللىي ئىنقىلاب ئەسلىمە كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان.