ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالماتا شەھىرىدە 1944-1949-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىكى ھەربىي-سىياسىي رەھبىرى شەخسلەردىن بىرى، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى، پولكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى خاتىرىلەندى.
ئالماتا شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر خاتىرىلەش مۇراسىمىغا بىر قىسىم مىللىي ئىنقىلاب دەۋرى شاھىتلىرى، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ پەرزەنتلىرى، شۇنىڭدەك مىللىي ئىنقىلابىي ھۆكۈمەتتە ۋە مىللىي ئارمىيىدە رەھبىرى خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن تارىخى شەخسلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئالماتادىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ۋاققاس مەمەدىنوف ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر مۇراسىمدا 1947-1949-يىللىرى ئارىسىدا غۇلجىدا چىققان «ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە خىزمەت قىلغان 90 ياشلىق ئۇيغۇرشۇناس مۇنىر يېرزىن سۆز قىلىپ، زۇنۇن تېيىپوف قاتارلىق مىللىي ئارمىيە قوماندانلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى ھەم قاتناشقۇچىلىرىنىڭ تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن. مۇراسىمدا مۇتەخەسسىسلەر، زۇنۇن تېيىپوفنىڭ پەرزەنتلىرى سۆز قىلىپ، تارىخى شەخسلەر، جۈملىدىن زۇنۇن تېيىپوفقا ئوخشاش مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان كوماندىرلار، جۈملىدىن ئازادلىق يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان جەڭچى-ئوفىتسېرلارنى ئەسلەشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ تارىخنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
زۇنۇن تېيىپوف 1917-يىلى، قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1930-يىللاردا ئائىلىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ 1944-يىلى قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە غۇلجا قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتناشقان.ئۇ 1945-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغاندا مۇئاۋىن باش قوماندان بولۇپ، چۆچەك، شىخۇ ئۇرۇشلىرىغا قوماندانلىق قىلىشقا قاتناشقان. زۇنۇن تېيىپوف 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن قۇرۇلغان «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان ۋە 1955-يىلى، گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن .ئۇ 1961-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ئالمۇتادا ياشاپ، 80-يىللاردا ۋاپات بولغان ئىدى.