ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-02-27
تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 27-فېۋرال كۈنى قاتتىق قارشىلىقلارغا قارىماي، 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەپلەرنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.
2025-02-27
27-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى 11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلغان 48 ئۇيغۇردىن 40 كىشىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار غەزەپلىنىپ نامايىش ئېلىپ باردى.
2025-02-27
«قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى (Safeguard Defenders) 25-فېۋرال كۈنى «خىتايدا غايىب بولۇش: خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ياردەم بېرىش قوللانمىسى» ماۋزۇلۇق دوكلاتىنى خىتايچە، ئىنگلىزچە ۋە ياپونچە تىللاردا ئېلان قىلغان.
2025-02-27
باش شىتابى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان «ئەركىنلىك سارىيى» 26-فېۋرالدا ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى ئەركىنلىك 2025» تېمىسىدىكى دوكلات 2024-يىلى 1-يانۋاردىن 31-دېكابىرغىچە دۇنيا مىقياسىدىكى دېموكراتىيە ساھەسىدە كۆرۈلگەن ئەڭ يېڭى تەرەققىياتلارنى خۇلاسىلەش بىلەن ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىدى.
2025-02-27
24-فېۋرالدىن 27-فېۋرالغىچە تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەيبېيدا ئېچىلغان يىغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى فرانچىئوىس ۋۇ بىلەن كۆرۈشكەن.
2025-02-27
ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى. ئۇ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مەزكۇر ھاكىمىيەت رەھبەرلىرى قاتارىدىكى بىر شەخس ئىدى.
2025-02-27
تايلاند دائىرىلىرى 2014-يىلى ب د ت غا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىققا دۇچ كەلگەن ئىدى.
2025-02-27
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2025-02-27
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو(Marco Rubio) تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق چاقىرىقلارغا قارىماي 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
2025-02-27
تايلاند ھۆكۈمىتى 27-فېۋرال (پەيشەنبە كۈنى) تايلاند تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى
2025-02-27
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 27-فېۋرال پەيشەنبە كۈنى، ئۆزىنىڭ خىتاي ماللىرىغا يەنە 10 پىرسەنت قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى، بۇ باجنىڭ 4-مارت كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2025-02-27
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت كارنىيى بولغان «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 26-فېۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا بىڭتۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارغا كېڭىيىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تەكىتلەنگەنلىكى مەلۇم.
2025-02-26
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 24 سائەت ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلماقچى بولغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا كەڭ تارقىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ۋە بەزى تايلاند پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىماقتا.
2025-02-26
خىتاينىڭ ياراتقان بۇ «ئاجايىپ» رېكورتىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان غەرەزلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىش يولىدا تارىم ئويمانلىقىنىڭ، ئومۇمەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىتىنى بۇزۇشتىن يانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى
2025-02-26
يېقىنقى يىللاردا باشلانغان سودا ئۇرۇشى، تاجسىمان ۋىرۇسى ۋە باشقا بىر قاتار ئامىللار ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە كۆپلىگەن ئېگىز-پەسلىكنى پەيدا قىلدى.