ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2025-01-15
بۇ قىسقا فىلىم ئۇيغۇر قىز-يىگىتلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرى ۋە خىتايچە كىيىنگەن قىياپەتلىرى ئارقىلىق، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» تەشۋىقاتىغا ماسلاشقان
2025-01-15
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش ھەققىدە ھۆججەت چۈشۈرگەنلىكى، ھەتتا بۇ ئىشقا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭمۇ مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەنلىكى مەلۇم.
2025-01-15
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 15-يانۋار چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رېژىسسورى ۋاڭ لۇشا ئىشلىگەن «شاڭخەيلىك گۇلى» ناملىق فىلىم 14-يانۋار كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قويۇلغان.
2025-01-15
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىدىن 37 شىركەت ۋە كارخانا گۇرۇھىغا ئىقتىسادىي جازا ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 15-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ «تېگىشلىك چارىلەر» ئارقىلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ «قانۇنلۇق ھەقلىرىنى قوغدايدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.
2025-01-15
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە1-ئاينىڭ14-كۈنى ئېچىلغان «تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىينىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى ئورنى» ماۋزۇلۇق يىغىندا تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ 112يىلدىن بۇيان بولۇپمۇ كېيىنكى 70 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2025-01-15
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كېلەر ھەپتە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش بىلەنلا، يۇقىرى تاموژنا بېجى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا كارخانىلىرىنى گۈللەندۈرۈپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2025-01-15
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر نامزاتى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو 15-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ۋەزىپىگە تەيىنلەش گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2025-01-15
ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) شۇ كۈنى بىرنەچچە ئاي داۋام قىلغان قانۇن ئىجراسى ئارقىلىق خىتاي خاككېرلىرى ياساپ چىققان «PlugX» ناملىق ۋىرۇس توپىنى بىتچىت قىلغان
2025-01-14
تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇلۇش خەۋپنىڭ بەك ئېغىرلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنى بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشى ھەققىدە ئاشكارا مۇراجىئەت ئېلان قىلغانىدى.
2025-01-14
، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ۋە مۇئەسسەسەلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 144 كە يەتكەن
2025-01-14
11 يىلدىن بۇيان تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 48 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر جامائىتىنى كۈچلۈك ئەندىشىلەندۈرۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
2025-01-14
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 14-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي «شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى 13-نۆۋەتلىك 8-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ھەربىي رايوننىڭ «كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ خىتاينىڭ گېئو-سىياسىي خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىشى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشى» نى تەلەپ قىلغان.
2025-01-14
خىتاينىڭ بۇ شىركەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئامېرىكالىق مەشھۇر كارخانىچى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ باي ئېلون ماسكقا سېتىپ بېرىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا
2025-01-14
ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 14-يانۋار كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، يەنە 37 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
2025-01-14
خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكىدە خوجايىنلىق تالىشىش ئۇرۇنۇشى كۈچىيىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئامېرىكا، ياپونىيە، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى تېخىمۇ كۈچلۈك ھەمكارلىشىشقا قەسەم قىلىشقان.