ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2010-01-06
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيول ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە تىنجىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى ۋە بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.
2010-01-06
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ چەتئەل تىجارىتى تارماقلىرى بۈگۈن، ئۆزىنىڭ يەرلىك شىركەتلىرى ياۋروپادىن كىرگۈزگەن 108 بەلگىلىك ئىلغار تىپلىق بېسىم سەزگۈچ ئەسۋاپىنى ئىرانغا ساتقانلىقى ئۈچۈن، كۆزىتىش تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
2010-01-06
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما كابىنت يىغىنىدا، 'گۇەنتانامودىن يەمەنگە قايتۇرۇلغان بىر نەچچە كىشى ھازىر ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئەلقائىدىچىلەرنىڭ تەركىبىدە، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا گۇەنتانامودىن ئادەم يەتكۈزۈپ بېرىلمەيدۇ. بۇ، گۇەنتانامونى تاقاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز،' دەپ جاكارلىغان.
2010-01-06
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى 9 - ئايدىن باشلاپ 3G يانفون ئۇچۇر تورى دېگەن يېڭى تېلېفون سېستىمىسىنى يولغا قويغان ئىدى. خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى يېڭى قۇرغان يانفون ئۇچۇر تورى ھازىرقى ئىلغار تىپلىق 3G يانفون قوللىنىدىكەن.
2010-01-06
ئامېرىكىنىڭ بىر يۇمشاق دېتال شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى 'تېخنىكا ئوغرىلىدى' دەپ ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇنۇپ، خىتايدىن 2 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلدى.
2010-01-05
خىتايدا يېرىدىن ئايرىلغان دېھقانلار مەسىلىسى خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تېرىلغۇ يەرلىرىدىن ئايرىلىپ، ياقا يۇرتلاردا سەرسانلىقتا ياشاۋاتقان نامرات ئىشلەمچىلەر كۆپەيمەكتە.
2010-01-05
د ئۇ ق تەتقىقات مەركىزى يېقىندا، خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق سېلىشنى مەقسەت قىلغان "يىڭنە سانجىش" ۋەقەسى توغرىسىدا دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بۇ ھەقتە ھەقىقىي پاكىتنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.
2010-01-05
ئامېرىكىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغاندا، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ قولغا چۈشكەن كىشىنىڭ يەمەندىكى ئەلقائىدە تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتى يەمەنگە بۇرالدى.
2010-01-05
'خىتايغا نەزەر تور گېزىتى'دە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئارىسىدىكى ئاڭ قالايمىقانلىقى ھەققىدە يېڭى يىللىق نەسىھەت ئېلان قىلىندى. بۇ نەسىھەتتە، بولۇپمۇ خىتايدا قىزىل بايراقنى ياقتۇرماي چەتئەللەرگە كەلگەندىن كېيىن قىزىل بايراق كۆتۈرۈۋالغان غەلىتە ئادەملەر توپىغا قارىتا قىلىنغان سەمىمىي دەۋەتلەر بار.
2010-01-05
تۈركىيىدە بولۇپمۇ قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 60 ئەتراپىدا ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى.
2010-01-05
"شاھنامە" داستانى بىزگىچە يېتىپ كەلگەن قەدىمقى ئەسەرلەر ئىچىدە، ھەجىمى چوڭ، مەزمۇنى مول، غايەت زور ئىلمىي قىممەتكە ئىگە نادىر ئەسەردۇر.
2010-01-05
خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ مۇستەملىكە ئۇيغۈرىستانغا بەلگىلىگەن كۆچمەنلەر ھاكىمىيىتىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ئەڭ ئاخىرقى غالجىرلىق، ئەڭ ئاخىرقى ئەسەبىيلەشكەن دەۋرگە كىرىپ كەلدى.
2010-01-05
خىتايدا 7 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينى تەسىرلەندۈرگەن 10 چوڭ شەخس ناملىق باھالاشتا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن خىتاي كوماندىر ۋەن جىڭگاڭ نامزاتلىققا كىرگەن.
2010-01-05
رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقچىلار يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرى بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ساندا ساقچىلار تىنىمسىز چارلاش ئېلىپ بارغان.
2010-01-05
خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان تاقىم ئاراللاردا ساياھەت رايونى بەرپا قىلىش پىلانى ۋېيتنامنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي مەزكۇر پىلانىنى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئىدى.