ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-01-26
ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ۋە كۆپ قېتىملىق خىتاي بوكس چېمپىيونى ئابدۇراخمان ئابلىكىم 21-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا بولغان.
2015-01-26
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر سانىنىڭ 650 مىليونغا يەتكەنلىكى مەلۇم.
2015-01-26
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوبامانىڭ ھىندىستان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ «يادرو تەمىنلەش گۇرۇپپىسى» غا ئەزا دۆلەت بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-25
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ دۆلەتكە قاراتقان دۆلەت زىيارىتىنى باشلىدى. ئوباما ناھايىتى داغدۇغىلىق قارشى ئېلىنغان بولۇپ، ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بىۋاسىتە ئايرودرومىغا چىقىپ، ئوبامانى كۈتۇۋالدى.
2015-01-25
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا جۈمە كۈنى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شەنبە كۈنىدىن باشلاپ، كۆپ دۆلەت باشلىقلىرى رىيادقا يېتىپ كېلىپ تەزىيە بىلدۈردى.
2015-01-25
شەنبە كۈنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ئۆزىنى دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتاۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى زاخارچېنكو ئۆزلىرىنىڭ كىيېف ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، تاكى دونېتسك رايونىنىڭ چېگرىسىغىچە ئۇرۇش قىلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-01-25
تېخى يېقىندا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە بېكىتىلگەن شۆھرەت زاكىر 24 - يانۋار كۈنى رەسمىي تۈردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدىكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى يېزىشماقتا.
2015-01-25
رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ دېجۇ شەھىرىدىكى دۆلەتلىك كارخانا شەندوڭ دېجۇ پاختا توقۇمچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى ئىشچىلارنىڭ مائاشىنى 4 ئاي سوزۇپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن زاۋۇتتىكى بىر قانچە مىڭ ئىشچى ئىش تاشلىغان. ئىشچىلار شۇ كۈنلىرى شەھەرنىڭ قاتناش يوللىرىنى توسۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن.
2015-01-24
1940 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشى دەۋرىدە غۇلجىدا چوڭ بولغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى ھازىر قىرغىزىستاندا ياشىماقتا.
2015-01-24
يىتىمنىڭ ئېغزى ئاشقا تەگكۈچە بۇرنى تاشقا تېگىپتۇ. - خەلق ماقالىسى.
2015-01-24
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي چېرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۈچەيتمەكتە ئىكەن. مەزكۇر ھەرىكەت ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كۆرۈشى ئۆتكۈرلەشتۈرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
2015-01-24
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن ئۈنۈملۈك ئۆتۈپ كېتەلەيدىغان بىر قىسىم قاناللارنى زەربە نىشانى قىلغانلىقى مەلۇم.
2015-01-24
يېقىندا 20 يىللىق تۇتقۇندىن قويۇپ بېرىلگەن موڭغۇل پائالىيەتچى خادانىڭ كىملىك كارتىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ۋە بانكا ھېساباتى توڭلىتىلغان.
2015-01-24
ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بۇ ھەقتىكى فىلىمنى «بىمەنە ۋە كەچۈرگىلى بولمايدۇ» دەپ ئەيىبلىگەن.
2015-01-23
تۈركىيەنىڭ سامسۇن شەھىرىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى ۋە تۈركىيە خەلقى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىلدى. بۇ چاقىرىق مەزكۇر شەھەردە چاقىرىلغان «ئۈممەتنىڭ زېمىنى شەرقىي تۈركىستان» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.