ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-04
پروگراممامىزنىڭ بۇ قىسمىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 1930- 40-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە ئائىت تەپسىلات شۇنىڭدەك يەنە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرى مەرھۇم زىيا سەمەدىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت تارىخىغا بېغىشلىغان تارىخىي ئەسلىمە خاراكتېرلىق رومانى«يىللار سىرى» دا بايان قىلىنغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ داۋامى بىلەن تونۇشىسىلەر.
2011-11-27
1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ ، بۇ ئىنقىلاب سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ۋە خەلقارا سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تەييارلانغان ھەم تەشكىللەنگەن دېگەن قاراش مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
2011-11-20
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسىنىڭ 20-نويابىردىكى سانىدا ئالدى بىلەن 1944-1949-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىنىڭ سەۋەب-ئامىللىرى ھەققىدىكى قېلىپلاشقان كۆز قاراشلار تونۇشتۇرىلىدۇ.
2011-11-13
1933-يىلى 12- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ،20-ئەسىردىكى،ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە بولۇپ قالدى.
2011-11-10
مول مەزمۇنلۇق ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مۇساپىلارنى، ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈننىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز «تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزگە قۇلاق سالغايسىز!