ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-10-20
1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى خەمىت كەنجىبايېف بۇ يىل 91 ياشقا كىردى. خەمىت كەنجىبايېف ئەپەندى ھازىر قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ياشىماقتا.
2013-10-20
پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابىدىكى «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان 2 - پاراگرافىدا دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرى ماكانلاشقان زېمىنلارنىڭ ئۇلۇغ يىپەك يولىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدىكى رولى، دىنىي ئېتىقادلىرى، ئېغىز ئىجادىيىتى، كالېندارلىق ئەنئەنىلىرىدىن تاشقىرى يەنە كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مىللىي تېبابىتى ۋە يازما ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ باي مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن.
2013-10-13
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ 13 - ئۆكتەبىردىكى سانىدا دىققىتىڭلارغا تۆۋەندىكى پروگراممىلار تەقدىم قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابىدىن ئارىيىلەر ياپونىيە ئالىمىنىڭ ئۇيغۇر مازارلىرى ۋە بازارلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى قازاقىستان كىنو خادىملىرىنىڭ تۈركىيىگە بېرىپ قازاقلار ھەققىدە فىلىم ئىشلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقى.
2013-10-13
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتمۈش تارىخىدىكى مۇھىم دەۋىرلەرنىڭ بىرى - ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى، يەنى بۇددىزم دەۋرىدىكى تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، ئېغىز ۋە يازما يادىكارلىقلىرىنى، پەلسەپىۋى كۆزقاراشلىرىنى چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.
2013-10-13
ياپونىيە ئاكاشى نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئوتتۇرا ئاسىيا» ناملىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمىغا ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى شىنمېن ياسۇشىنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بازارلار ۋە مازارلار» ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن. ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مازارغا تاۋاپ قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر پارچىسى بولغان بازارلار ھەققىدىمۇ قىسقىچە توختالغان.
2013-10-06
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا تۈركىيىدىكى ئاتاقلىق تىبابەت ئالىمى، پروفېسسور مۇھەممەد ئۆمەر نەزەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ۋە رۇسىيىنىڭ داڭلىق تۈركشۇناسى سېرگېي كلىياشتورنىنىڭ تەتقىقاتلىرى ۋە رۇسىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا ئائىت پروگراممىلار ئاڭلىتىلىدۇ.
2013-10-06
ئۆز ۋاقتىدا ئۇيغۇرلار تارىخى كۆپلىگەن ئاتاغلىق ئالىملارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولغانلىقى ھەمدە بۇ ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ئەمگەكلەرنىڭ يورۇق كۆرگەنلىكى مەلۇمدۇر. ئىنگلىز، نېمىس، فرانسۇز، رۇس ۋە باشقىمۇ تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخ ۋە باي مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھازىرغىچە ئۈزلۈكسىز تەكىتلەپ كەلگەن ئىدى.
2013-09-22
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىسى بويىچە ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلىرى تارىخى بويىچە تۇنجى قېتىم دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئىلمىي ھاياتى ۋە ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ماۋزۇلۇق كىتابى ھەققىدىكى مەلۇماتلار، ئوسمان باتۇر ھەققىدىكى تارىخىي مەلۇماتلار ۋە شاھىدلارنىڭ ئىنكاسلىرى تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى باغلىنىش مەسىلىلىرى ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2013-09-22
ئوسمان ئىسلام ئوغلى (1899 - 1951) ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40 - يىلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن زور تارىخىي ۋەقەلەردە سەھنىگە چىققان مۇرەككەپ شەخس. ئۇ دەسلەپ ئالتاي قازاقلىرىنىڭ 1940 - يىلىدىن باشلانغان شېڭشىسەيگە قارشى قوزغىلاڭلىرىغا قاتنىشىپ داڭق چىقارغان. 1941 - يىلىدىن كېيىن تەترىجىي ھالدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلانغان.
2013-09-15
« تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا 20 - ئەسىرنىڭ 20 - 30 - يىللىرى ئارىسىدا ئالمۇتا شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى «سوپى زارۋات مەكتىپى» نىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن 20 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدا ئۇيغۇر ئەلىدە قۇرۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىدىن ياردەم كۈتكەن «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمىيىتىنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەييارلانغان مەلۇماتلار دىققىتىڭلارغا سۇنىلىدۇ.
2013-09-15
سوۋېت بولشېۋىكلار ھۆكۈمىتى 1924 - يىلى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، «ياش قەشقەرلىقلەر» جەمئىيىتىنىڭ ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرى بىر مەزگىل تېڭىرقاش ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.
2013-07-28
« تارىخ ۋە بۈگۈن» نىڭ 28 - ئىيۇلدىكى قىسىمىدا، ستالىننىڭ 1934 - يىلى شېڭ شىسەي بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ستالىننىڭ شېڭ شىسەي ھەققىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇمچىدىكى باش كونسۇلى ئاپرېسېۋقا يازغان خېتى ۋە باشقا مەسىلىلەر،
2013-07-21
ياپونىيە كېيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى سېگىيا ماساكى ئەپەندى يېقىندا ئۆزىنىڭ «موڭغۇللارنىڭ ياپونىيىگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ياپون مەدەنىيىتى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
2013-06-30
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممىسىنىڭ بۇ يەكشەنبىلىك قىسىمىدا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىلىرى شۇنىڭدەك تارىخچى ۋە يازغۇچى مەرھۇم مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئاخىرقى ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە سۆز بولىدۇ.
2013-06-23
«تارىخ ۋە بۈگۈن» نىڭ 23 - ئىيۇندىكى قىسمىدا دىققىتىڭلاردا بولىدىغان پروگراممىلار تۆۋەندىكىچە: سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تارىخچى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 87 ياشلىق باتۇر ئەرشىدىنوفنىڭ مىللىي ئارمىيە ھەربىي مەكتىپى ھەققىدىكى ئەسلىملىرى. تۈركىيىنىڭ گۈمۈشخانە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور نۇرەخمەت قۇرباننىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىش تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرى ۋە باشقىلار.