ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-02-24
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزدە تۆۋەندىكى پروگراممىلار بېرىلىدۇ. رۇس تارىخچىسى ۋادىم ئوبۇخوۋنىڭ يېڭى كىتابىنىڭ مەزمۇنلىرى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ 34 - سۇلتانى ئابدۇلھەمىد خاننىڭ پائالىيەتلىرى ۋە سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى، تۇڭگان پولكىنىڭ ئوفىتسېرى ئىبرايىم ياۋاخۇنوفنىڭ جىڭ ئۇرۇشى ۋە تۇڭگان پولكىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنىڭ داۋامى ھەم باشقىلار.
2013-02-17
«تارىخ ۋە بۈگۈن» پروگراممامىزنىڭ 17 - فېۋرالدىكى قىسمىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە 17 - ئەسىرگە ئائىت «ئۇيغۇرچە - خىتايچە لۇغەت» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارنى تونۇشتۇرىمىز.
2013-02-11
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىز بويىچە تۆۋەندىكى پروگراممىلارنى ئاڭلايسىلەر: 1944 - 1949 - يللىرىكىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچۇلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ياپونىيىدىكى تۆت ئارال كۈنى پائالىيەتلىرى ۋە تۆت ئارال مەسىلىسىگە ئائىت مەلۇماتلار، ئۆتكەن ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن سەيياھ سۋېن ھېدىن بىلەن ئادولف گىتلېرنىڭ ئالاقىسىغا ئائىت كىتابتىن مەلۇماتلار ۋە باشقىلار.
2013-02-04
رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ۋە سابىرھاجىلار ئائىلىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى