دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى 3-ماي كۈنى كەچقۇرۇن باشلاندى. بۇ مۇراسىمغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى قىتئەلىرىگە جايلاشقان 24 دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىن ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى. خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەنە، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىك مېھمانلارمۇ ئىشتىراك قىلغانىدى. يىغىندا گېرمانىيە باۋارىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماركۇس رايندېرېيسپاكېر (Markus Rinderspacher) ، چېخ پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جىرى ئوبېرفالزېر (Jiri Oberfalzer) ۋە تىبەت سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ پىرېزىدېنتى پېنپا سېرىڭ (Penpa Tsering) قاتارلىقلارمۇ ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.