زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن سۆھبەت: «كۈرەشلىرىم ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە چىققۇچە داۋام قىلىدۇ!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى شوئارلىرىدىن بىرى «يىلتىزىنى كېسىپ تاشلاش، نەسەبىنى ئۈزۈپ تاشلاش، ئالاقىسىنى بوغۇپ تاشلاش» بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئىرادىسىنى ئاشكارا جاكارلاۋاتقانلىقى مەلۇم. ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى رەزىل مەقسەتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار تاكى ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا ئالمىغۇچە بۇ خىلدىكى كۈرەشلەرنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) ئاياللار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، دۇنياۋى ھىمايەگەرلىك ئىشلىرى دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن ئەنە شۇ خىل ياشلار جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئەمىلى ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلاپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان زۇمرەتئاي بۇ جەھەتتىكى كۆز قاراشلىرىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.