100 تۈرك ئادۋوكات ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ب د ت غا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020.07.01
Faruq-Keleshtemur-adwokat.jpg ئەنقەرە ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى. 2020-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەتلىرىدىكى ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىغا ئەزا 100 تۈرك ئادۋوكات «قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى» نامىدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر زۇلۇملار توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە بىرلەشمە ئەرزنامە سۇندى.

مەزكۇر مۇنبەر بۇ ھەقتە مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىپ، مەزكۇر ئەرزنامىنى 26-ئىيۇن كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە تاپشۇرغانلىقىنى، ئۇ ئورۇندىنمۇ بۇ ئەرزنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىق توغرىسىدا خەت ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر مۇنبەر مەتبۇئات باياناتىدا، ب د ت غا تاپشۇرغان ئەرزنامىدە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر دۇچار بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ 12 ماددا ھالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى، ئونلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە بىرلىكتە سۇنغانلىقنى بايان قىلغان.

بىز بۇ توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇنىڭغا باشلامچىلىق قىلىۋاتقان ئەنقەرە ئادۋوكاتلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى ۋە بۇ ئىلتىماسنى تەييارلىغان ئادۋوكات خالىت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

فارۇق كەلەشتىمۇر ئەپەندى بۇ بىرلەشمە ئەرزنامىنىڭ تەييارلىنىش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئىشقا خەلقئارا قانۇندا مۇتەخەسسىسلەشكەن ئادۋوكاتلاردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا قۇرۇش بىلەن باشلىدۇق. بۇ گۇرۇپپا شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەممىسىنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغان بىر ئەرزنامە تەييارلاپ چىقتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەلەپ قىلغان بەزى تەلەپلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى خىتاي ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىش. ب د ت خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى ئىسپات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا بىز ئەرزنامىمىزغا بۇ دوكلاتلارنى ئىسپات سۈپىتىدە قويدۇق. بۇلاردىن سىرت كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار، تەتقىقاتچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا تەييارلىغان دوكلاتلىرىنى ئوقۇپ چىقىپ، ئەرزنامىمىزگە قوشتۇق».

ئۇ، بۇ بىرلەشمە ئەرزنامىنى ب د ت غا سۇنۇش توغرىسىدىكى قارارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقاتقاندىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلارنىڭ زور قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ‹قانۇن ۋە پىكىر مۇنبىرى› بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ب د ت غا سۇنۇش ئۈچۈن ئەرزنامە تەييارلايدىغانلىقىمىزنى جاكارلىدۇق. بىز كەسىپداشلىرىمىزغا بىز شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانۇنىي جەھەتتىن خەلقئاراغا ئېلىپ چىقىمىز، دېدۇق. يۈزلىگەن ئادۋوكات بىزنى ئىزدەپ ئۆزلىرىنىڭمۇ قول قويۇشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. لېكىن بۇنىڭدا مۇھىم بولغىنى ئادۋوكاتلارنىڭ سانى ئەمەس بىرلەشمە ئەرزنامىنىڭ تەييارلىنىش شەكلى بولغاچقا 100 ئادۋوكات قول قويايلى دەپ چەكلىمە قويغان ئىدۇق».

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنۇلغان بىرلەشمە ئەرزنامىنى يازغان ئادۋوكات خالىت ئەپەندى بۇ ئەرزنامىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بۇ ئىشنىڭ پەقەتلا قانۇنىي جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلىشىدۇر. مەزكۇر ئەرزنامىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىدىغان بولساق، 1948-يىلىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى ماقۇللانغان. مەزكۇر خىتابنامە كىشىلەرنىڭ ئەقەللىي ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر باشچىلىقىدا تەييارلانغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە خىتاي دۆلىتىمۇ ئىمزا قويغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانلارغا بېرىلگەن ھوقۇقنىڭ ھەممىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. بىز بىرلەشمە ئەرزنامىمىزدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدۇق».

«سىز خىتاي خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسىدە كۆرسىتىلگەن كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ؟ دېدىڭىز. بۇلار نېمىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئادۋوكات خالىت ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «تەن جازاسى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلە قاتارلىقلار بۆلىۋېتىپتۇ. ئەركىنلىك، بىخەتەرلىك ھوقۇقى، ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقى، شەخسى ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ مەخپىيلىكى، ساياھەت ئەركىنلىكى، ياشاش، كۆپىيىش ھوقۇقى قاتارلىق ئەقەللىي ھوقۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋېتىپتۇ».

100 تۈرك ئادۋوكاتنىڭ ب د ت غا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇنۇشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتقان بىر پەيتتە 100 تۈرك ئادۋوكاتنىڭ ب د ت غا بىرلەشمە ئەرزنامە سۇنۇشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈتتە تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. بىز ئۆكتىچى پارتىيەلەر بۇ مەسىلىدە جامائەت پىكرى توپلاشقا تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ ئادۋوكاتلارنىڭ ب د ت غا ئەرزنامە سۇنۇشى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ ئادۋوكاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارادا ئاڭلىتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن».

تۈركىيە قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بۇنىڭ ياخشى بىر باشلانغۇچ بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت ياكى شەخسلەر ئەرز سۇنسا بولىدىكەن، يەنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرگەن ياكى قولىدا بۇ ھەقتە ئىسپاتى بار بولغان كىشىلەر ياكى گۇرۇھلار ئەرز ئىلتىماسى سۇنالايدىكەن. تۈركىيەدىكى ئادۋوكاتلار تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ئەرزنامە سۇنغان بولۇپ، كېلەچەكتە مۇنداق ئەرزلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۇنۇلۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.