ئۇيغۇر دىيارىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىگە ئۇرغان نەق مەيدان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى بىر ساقچىخانىنىڭ خىتاي خادىمى، بىر يىلنىڭ ھەر بىر كۈنىدە، يەنى «365 كۈننىڭ ھەممىسىدە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.
خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىن «دوۋيىن»، يەنى «تىك-توك» تا 3-ئىيۇل كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەردە جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ 2023-يىللىق «يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش» ھەرىكىتى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 25-ئىيۇندىن 30-سېنتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن. ھالبۇكى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىمۇ، «قاتتىق زەربە بېرىش» نىڭ «100 كۈنلۈك» بولماستىن، بەلكى 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاراتقۇلىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، «يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش» ھەرىكىتىدە جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزىدىغان 9 خىل جىنايى قىلمىشنىڭ زەربە بېرىلىش نىشانى قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ماددىدا «قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە، يامان نىيەتتە پىتنە-ئىغۋا تارقىتىشقا زەربە بېرىلىدۇ» دېيىلگەن.
خىتايدىكى «يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، بىر قانچىلىغان شەھەر ۋە ناھىيەلەردىكى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلدۇق. رايوندىكى كۆپ قىسىم ساقچى ئىدارىلىرى ۋە ساقچىخانىلارنىڭ خادىملىرى تېلېفونىمىزنى جاۋابسىز قالدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما. توققۇزتارا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر خادىمى تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىر قىسىم سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.
توققۇزتارا ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خىتاي ساقچى، سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:
«سىز ‹يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش› ھەرىكىتى دەپلا تۇرۇۋالماڭ. بىز قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا داۋاملىق ۋە ئىزچىل تۈردە زەربە بېرىمىز. بىز بارلىق جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىمىز. بۇ يۈز كۈن بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز ھەرقانداق ۋاقىتتا، يەنى بىر يىلنىڭ 365 كۈنىنىڭ ھەممىسىدە قانۇنسىز قىلمىشلارغا زەربە بېرىمىز. ‹يۈز كۈنلۈك زەربە بېرىش› ھەرىكىتى توختىغاندىن كېيىنمۇ، بىزنىڭ قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىشىمىز توختاپ قالمايدۇ. بۇنى يۈز كۈنلۈك دەپلا ئويلامسىز؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بىز بىر يىلنىڭ 365 كۈنىدە، يەنى ھەر كۈنى قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىپ كېلىۋاتىمىز! بۇ قېتىملىق ‹يۈز كۈنلۈك ھەرىكەت› ئاخىرلاشتى دېگەنلىك، ھەرگىزمۇ قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش توختايدۇ، دېگەنلىك ئەمەس!»
مەزكۇر خىتاي ساقچىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تېلېفونىمىزنى ئالغان قازاق ساقچى خادىمى، بۇ قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نىشانلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزغان؛ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق، قىمار ئويناش، زەھەر سېتىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارغا زەربە بېرىلىدىغانلىقى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەھەللە كومىتېتى ياكى ساقچى ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلماي تۇرۇپ 30 دىن ئارتۇق مېھمان چاقىرغان، يىغىلىش ئۆتكۈزگەن ياكى دىنىي مۇراسىم قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ «قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزگەن» لەر قاتارىدا زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ساقچى يەنە تۇغقان يوقلاش ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەت ئەلدىن ياكى باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلەرنىڭ 3 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئاھالە كومىتېتىغا ۋە ياكى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغانلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكئالى، خىتايدا ئاتالمىش «جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش» نامىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كەلگەندە سىياسىيلىشىپ، رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىش، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى باشلامچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەرنى باستۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆمەر بېكئالى ئۆزىنىڭ 2017-يىلى قازاقستاننىڭ بىر سودا ئۆمىكى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن پىچانغا بارغىنىدا خىتاينىڭ دەل مۇشۇ خىلدىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك كەچمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
نيۇ-يوركتا ياشايدىغان تۇڭگان سىياسىي ئانالىزچى ما جۈ، خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ئاتالمىش «زەربە بېرىش» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سىياسىي قاراتمىلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا نۇرغۇن مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان. بىرىنچىدىن، بۇ قېتىملىق ‹زەربە بېرىش› ھەرىكىتى، خىتاي تىلغا ئېلىشنى خالىمايدىغان ‹5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى› يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن. بۇنىڭغا بۇ يىل 14 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل زەربە بېرىش يەنىلا داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى ھازىر رايوندا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى سىياسىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەربە بېرىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار، رايوننىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى ۋە مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا قەرەللىك ھالدا بۇ خىلدىكى زەربە بېرىش ھەم ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، ئۇلار ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ قاتارلىق ئۆرپ-ئادەت مۇراسىملىرىغىمۇ چەكلىمە قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان يىغىلىشلارنىڭ ھەممىسىنى ‹قانۇنسىز يىغىلىش› دەپ زەربە بېرىش نىشانى قىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.»
