«ئۇيغۇرلارنىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى ئىكەنلىكى يەنىمۇ كۆپ تونۇتۇلۇشى كېرەك»
2022.09.13
11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگىنىگە 21 يىل تولغان خاتىرە مەزگىلىدە بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ كۆرۈنمەس قۇربانلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ دىققەت قوزغىشى كېرەكلىكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. ئامېرىكانىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ تارىخىدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغان 11-سېنتەبىر ۋەقەسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ باستۇرىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنىدى. شۇڭا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەر يىلى 11-سېنتەبىر كۈنىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارانىڭ سەمىگە سېلىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇندىن 21 يىل ئاۋۋال يەنى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى قوشماق تىجارەت بىناسىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندە دەرھال ئۆزلىرىنى «تېررورلۇقنىڭ قۇربانى» دەپ ئېلان قىلغان. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدە توختىماي ئەرز سۇنۇشى بىلەن سابىق جورج بوش ھۆكۈمىتى مەۋجۇتلۇقى تالاش-تارتىش قوزغاپ كەلگەن بۇ تەشكىلاتنى «تېررورلۇق تەشكىلات» دەپ ئاتىغانىدى.
ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى گوردون چا ڭ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا دۇنيادىكى ئورتاق تېررورلۇققا قارشى كۆرەش كەيپىياتىدىن پايدىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن دۇنيا تېرورىزىمغا قارشى بىر-بىرى بىلەن زىچ ئۇيۇشتى. خىتاي مانا بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇيغۇرلارنى دەرھال تېررورىست دەپ كۆرسىتىپ دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولدى. ئەپسۇسكى، سابىق پرېزىدېنت جورج. ۋ. بۇشمۇ بۇنى توختاتماي، ئۇيغۇرلارنى خاتا ھالدا گۇۋانتاناموغا قويدى. مىڭ ئەپسۇس».
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بولسا مانا بۇ ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ باشلىنىشى، دەپ قارايدۇ ۋە 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەڭ ئۇيغۇر خەلقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش»، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش»، «رادىكاللىقنى يوقىتىش»، «100 كۈنلۈك زەربە بېرىش» دېگەن ناملار ئاستىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىغان ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋەتكەن.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورچى ئەمەسلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى پەقەت ئۆز مەقسىتى ئۈچۈنلا قوللىنىۋاتقانلىقىنى كېيىن چۈشىنىپ يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيلىكلىرى تەكشۈرۈپ دەلىللەنگەندىن كېيىن دەسلەپتە 2020-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتكەن ئىدى. كېيىن ئوخشاش قارار كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان.
يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسى مەخسۇس دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى دەپ ئاتىشىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە: «ھۆكۈمەتنىڭ ش ئۇ ئا ر دا 2017-يىلدىن 2019-يىلغىچە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويغان تېررورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنى نۇقتىسىدىنمۇ ئەندىشە قوزغايدۇ، قانۇن ۋە سىياسەتكە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان خالىغانچە تۇتقۇن ۋە كەمسىتىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىش، شەخس ۋە كوللېكتىپ سۈپىتىدە نېگىزلىك ھەق-ھوقۇقلىرىدىن چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش خەلقئارا جىنايەت، بولۇپمۇ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت تەشكىل قىلىشى مۇمكىن» دەپ كۆرسەتكەن. مەزكۇر دوكلات بىلەن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان «تېررورلۇق» ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئورۇنسىزلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاندى.
گوردون چاڭ ئەپەندى سۆزىدە، «مۇھىم بولغىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇھىم بولغىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر خىتاينىڭ مەقسىتىنى تونۇپ يەتتى. ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدى. شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. بۇ، دۇنيانىڭ ۋىجدانى، ئۇ يەردە بولۇۋاتقان ئىشلارغا يول قويماسلىق كېرەك. بىز چوقۇم ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خىتابنامىسىغا ئاساسەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك».
ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ۋە ب د ت دوكلاتلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تېرورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېنىق شەرھىلىگەن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئويۇنىدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ سابىق مۇھەررىرى، ھازىرقى تەكلىپلىك ئوبزورچىسى خۇ شىجىن 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 21 يىللىق خاتىرە كۈنىدىكى تىۋىتتېر ئۇچۇرىدا ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەپ: «بۇندىن 21 يىل ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرگەنىدى. بىراق ئامېرىكا ئىزچىل شىنجاڭدىكى تېررور كۈچلىرىگە قارىتا قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلدى. ياخشىلىققا يامانلىق قىلدى» دەپ يازغان.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەشتىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدىكەن. چۈنكى خەلقئارادا «تېررورچىلارنى جازالاش» ياكى «تېررورچىلارنى تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈش» دېگەنلەر قانۇنلۇق دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ تۇرۇپ يوقىتىشتىن ئاسانلىقچە ئۈمىدىنى ئۈزمەيدىكەن.
دىققەت قوزغايدىغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ خۇ شىجىنگە ئوخشاش ئاۋازلىرى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىسىمۇ، خۇ شىجىننىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرى كۈچلۈك قارشىلىققا دۇچ كەلگەن. نۇرغۇن كىشىلەر خۇ شىجىنغا «ئەڭ چوڭ تېررورىست خىتاي كومپارتىيەسى»، «شىنجاڭدىكى تېررورلۇق كۈچلەر دېگەن دەل شۇ جازا لاگېرلىرىنى يولغا قويغانلار»، «رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتى ئالاھىدە ھەرىكەت ئەمەس بولغىنىدەك، شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا قىلغانلىرىمۇ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئەمەس»، «خىتاي پاكىستاندىكى تېررورچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى» دېگەندەك يۈزلىگەن ئىنكاسلار بىلەن قارشىلىق بىلدۈرگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈپ يېتىۋاتقانلار كۆپەيگەنلىكىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ ھەرخىل دوكلاتلار، پائالىيەتلەر، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورىزىم بىلەن ئالاقىسى يوقلىغىنى تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا ئاشكارىلاش زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.