دېكابىر ئېيى ئۈرۈمچىدە ئەڭ قاتتىق قىش بولىدىغان بىر مەزگىل، 1985-يىلى 12-دېكابىر، ئۈرۈمچىدە ئەنە شۇنداق قاتتىق قار شىۋىرغانلىق بىر كۈن بولغانىدى. ئەمما بۇ قەھرىتان سوغۇق 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ياشلارنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسەتلىرىگە قارشى كوچىلارغا تۆكۈلۈپ نامايىش قىلىشتىن توسۇپ قالالمىغانىدى.
ئۇيغۇرلار 37 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن 12-دېكابىر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى، ئۇيغۇر دىيارى بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى تىنچلىق يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەپ باھالىشىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ بۇ تىنچلىق نامايىشىغا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ھەر جەھەتتىن مۇنقەرز قىلىشنى كۈچەيتكەن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسەتلىرى پۈتۈن خەلق ئىچىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغان ۋەزىيەت سەۋەب بولغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشىنى مەكتەپلەرنىڭ دەرۋازىلىرى، توسۇقلار، ساقچىلارمۇ توسۇپ قالالمىغان. بۇ نامايىش ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قويغان پارتكوم ھەم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قىلغان.
12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرى ۋە ئىشتىراكچىلىرى ھازىر چەتئەللەردە ياشاۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە 5 نەپەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قاتناشقان، 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن ھازىر كانادادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا 37 يىل تولۇش بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى جەريانلارنى ئەسلىدى. مەمەت توختى ئەپەندى؛ «ئەمەلىيەتتە بۇ ھەرىكەت خىتايدىكى مەشھۇر 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىنمۇ 5 يىل ئاۋۋال پارتلىغان، زور كۆلەملىك ۋە تىنچلىق يولىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك ستۇدېنتلار ھەرىكىتى ئىدى» دەيدۇ.
ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1985-يىلى 12-دېكابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە پۇختا تەييارلىق بىلەن پىلانلىق، تەشكىللىك، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغان شۇ قېتىملىق نامايىشقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ يەتتە ئالىي مەكتەپتىن زور ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلغانىدى.
شۇ كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي كەمسىتىش، مىللىي زۇلۇم ۋە ئېزىلىش بولمىغان، تەڭلىك باراۋەرلىك ئاساسىدىكى يېڭى بىر تۈزۈلمىنى بەرپا قىلىش ئىشەنچى بىلەن، ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا جەسۇر شوئارلىرىنى توۋلاپ، پىيادە يۈرۈپ ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بىناسىغا قاراپ ئاققان.
بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلار مەكتەپ دەرۋازىلىرىنى تاقاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش سېپىنىڭ كېڭىيىشنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلغان، ھەتتا ساقچىلارنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، ياشلاردىكى پىداكارلىق جەڭگىۋارلىق بىلەن كۈچ سىنىشالمىغان.
ئۇنداقتا، 1985-يىلىدىكى 12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قانداق ئىدى دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن. 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان ھازىر ئامېرىكادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباينىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇيغۇر دىيارى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىپ، مىللىي كەمسىتىلىش، تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىك ھەممىلا يەردە يامراپ كەتكەن، يادرو سىناقلىرىنىڭ تەسىرى كىشىلەر ئارىسىدا ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە بولۇپ، ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا بۇنىڭغا قارشى پىكىر دولقۇنى خېلىلا ئەۋج ئالغانىكەن.
12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك يولغا قويغان سىياسەتلەر ئىنساننىڭ قوبۇل قىلىش چېكىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. بۇنىڭغا قارشى سادالار شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلار ئاشكارا غۇلغۇلا قىلىدىغان تېمىغا ئايلانغانىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ نارازىلىق ھەرىكىتى ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە باشلانغان.

مەمەت توختىنىڭ ئەسلىشىچە، 1985-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، نامايىش باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن مۇشۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ناھايىتى غەلىتە بىر ئىش يۈز بەردى. شۇ كۈنى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، خىتاي مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئەزەلدىن يۈرەك كېسەل تارىخى بولۇپ باقمىغان مىجىت قۇربان يۈرەك كېسىلى بىلەن ناھايىتى سىرلىق ھالەتتە توساتتىن ئالەمدىن ئۆتكەن.
ساۋاقدىشىنىڭ توساتتىن ئالەمدىن ئۆتۈشى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇلارنىڭ نامايىش ئارقىلىق ساۋاقدىشىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقان.
ئەنە شۇ چاغدىكى قاتناش قۇلايسىز، ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىمۇ راۋان بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ساۋاقداشلار يېرىم كېچىدە ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپلەر ئارا پىيادە يۈرۈپ ئالاقىلىشىش ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ توسۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن يېرىم كېچىدە مەكتەپ تاملىرىدىن ئارتىلىپ مەكتەپ سىرتىغا چىقىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانغان.
شۇ كۈنكى نامايىشقا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 2 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قاتناشقان دەپ ئۇچۇر تارقاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ناھايىتى كىچىكلىتىلگەن سانلىقى ئېنىق ئىدى. كۆپىنچە شاھىتلارنىڭ قارىىشىچە، نامايىشقا ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى ۋە تېخنىكوملاردىكى ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان بولۇپ، مەمەت توختىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆزلىرىنىڭ ھېسابلاپ چىقىشى بويىچە ئېيتىشىچە، 15 مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقان.
بۇ نامايشى ئۇيغۇرلارنىڭ 1985-يىللىرىدىن باشلاپلا ئوز مىللىي كىملىكىنى تونۇش ئاساسىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنى باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دېموكراتىك ئېڭىنىڭ ئاللا بۇرۇن شەكىللەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى شوئارلىرى ئارقىلىقمۇ، بۇ نامايىشنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مەمەت توختىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىرىگە قويغان تەلەپلىرى ۋە نامايىشتا توۋلىغان شوئارلىرى:
1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىلسۇن
2. رايون ئىچىدىكى يادرو قورال سىناقلىرى توختىتلسۇن
3. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئېغىر جىنايەتچىلەرنى قامايدىغان جازا لاگېرىغا ئايلاندۇرۇش ۋە پىلانسىز كۆچمەن يۆتكەش ئاخىرلاشتۇرۇلسۇن
4. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛
5. مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛
6. ئازسانلىق مىللەتلەر مائارىپىنى ھەقىقىي يوسۇندا تەرەققىي قىلدۇرۇش
ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە ئاشۇ سۆھبەتكە قاتناشقان ئامېرىكادىكى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە 12-دېكابىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلى خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىنى، ھەققانىي تەلەپلىرىنى پاكىتلىق ھالدا مەردانە ئوتتۇرىغا قويغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈرئىتى ۋە كەسكىنلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلىگەن، ئەمما خەلق سايلىمىغان بۇ باشلىقلىرىنى ھودۇقتۇرۇپ قويغانىكەن.
بەزى مەلۇماتلاردا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە پارتلىغان مەزكۇر نامايىش كېڭىيىپ، ھەتتا قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، بورتالا قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرس تاشلاپ كوچىلارغا چىققان ھەم ھۆكۈمەت بىنالىرىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغانىكەن.
چەتئەللەردىكى 12-دېكابىر ياشلار ھەرىكىتى قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ھازىر شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەندىلى ئەپەندىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى داۋالاش كەسپىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ پەيتتە ھازىرقىدەك ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھەتتا تېلېفونمۇ يوق، ئالاقە قىلىش قۇلايسىز بىر شارائىت بولسىمۇ، ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنى قىسقا ۋاقىتتا بىرلىككە كەلتۈرگەن ئامىل ئۇلارنىڭ روھىدىكى مىللىي ئويغىنىش ئىدى.
ئەپسۇسكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھەرخىل ئويدۇرما جىنايەت ناملىرى چاپلىنىپ، قارىلىنىپ ئادالەتسىزلىك بىلەن جازالىنىپ كەلگەندەك، دائىرىلەر نامايىشچى ئوقۇغۇچىلارغا ۋەدىلەر بېرىپ نامايىشچىلارنى تارقاتقاندىن كېيىن، ئۇزۇنغا قالماي كەڭ-كۆلەملىك، نىشانلىق جازالاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. خىتاي بۇ دېموكراتىك ياشلار ھەرىكىتىنى «12-دېكابىر جېدەل چىقىرىش ۋەقەسى» دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى تەقىبلەشكە ئۇچرىغان، بەزىلىرى تۈرمىلەرگە قامالغان، بەزىلىرى مەكتەپتىن قوغلانغان ۋە ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدىكى ئارخىپلىرىغا جىنايەت قىلمىشلىرى يېزىلغان.
ھەتتا بۇ قېتىم خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن كېيىنكى چوڭ تۇتقۇنىدىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا قاتنىشىپ قارا چېكىت قويۇلغان ئۇيغۇرلارنى قايتا نىشانغا ئېلىپ لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ۋارىس ئابابەكرى، ئۇنىۋېرستېتتىن قوغلانغان ۋە كۆپ قېتىم تۇتۇپ قويۇپ بېرىلىپ داۋاملىق خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردىن بىرى. ئۇ، ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى 1-ئايدا نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن لاگېرغا قامالغان. ۋارىس ئابابەكرىنىڭ 2019-يىلى 11-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېردىن قويۇپ بېرىلىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنى 24-نويابىر كۈنى قازا قىلىشى زور غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.
37 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن، 12-دېكابىر ھەرىكىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بۇ ياشلار، ئەينى چاغدا ئەمدىلا 18-20 ياشلاردىكى، قەلبىگە ئۇلۇغۋار غايىلەرنى پۈككەن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلاردا ئادالەت تۇيغۇسى، مىللەت ۋە ۋەتىنىگە بولغان مەسئۇلىيەت تويغۇسى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۈمىدۋار ياشلار ئىدى. مانا ئاشۇ دەۋردىكى ياشلارنىڭ ئاز ساندىكىلىرى مۇھاجىرەتتە ياشىماقتا. ئۇلار نۆۋەتتە ئوخشىمىغان ئەللەردە ئوخشىمىغان كەسىپلەردە پىشقان كەسپىي خادىم، ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىكى كۈزگە كۆرۈنگەن رەھبەر ياكى ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابىدۇر.
